ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئەخلەت يېمەكلىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
   دۇنيادا مەززىلىك تائاملار نۇرغۇن، لېكىن بەزى تائاملارنىڭ كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋىپى بار بولغاچقا، ئەخلەت يېمەكلىك دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.
قايماقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر
   قايماقلىق يېمەكلىكلەر، ئاسانلا سەمىرىپ قالىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن بىر قاباھەتلىك چۈش ھېسابلىنىدۇ. لېكىن قايماقلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئادەمنى سەمىرتىشتىن باشقا، ئۇ يەنە يۇقىرى قان بېسىمى پەيدا قىلىدۇ، ئەڭ ئېغىر بولغاندا جىگەرگىمۇ پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مۇزلىتىلغان تاتلىق تۈرۈم
   مۇزلىتىلغان تاتلىق تۈرۈم، ھەممە ئادەمنىڭ يازدىكى ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكى بولۇپ، ئۇنى ئەخلەت يېمەكلىك دېسەك، نۇرغۇن كىشىلەر قوشۇلماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، مۇزلىتىلغان تاتلىق تۈرۈملەر ئادەمنى سەمىرىتىپلا قالماي، يەنە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، نىسبەتەن تۆۋەن بولغان تىمپىراتۇرا، ئادەمنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچىيىگە زىيانلىق تەسىر يەتكۈزىدۇ.
تەييار چۆپ
   تەييار چۆپ ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان قولايلىق يېمەكلىككە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سېپى ئۈزىدىن ئەخلەت يىمەكلىك. تەييار چۆپ تەركىبىدىكى تۇز ماددىلىرى، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىسى، پۇراق جەۋھىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، ئادەمنىڭ جىگەر ئىقتىدارىغا ئىنتايىن پايدىسىز تەسىر يەتكۈزىدۇ.
تۇزلانغان يېمەكلىكلەر
   تۇزلانغان يېمەكلىكمۇ ئەخلەت يېمەكلىك قاتارىغا كىرىدىغان بولۇپ، كۆپ ئىستىمال قىلىۋالغاندا ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە زور دەرىجىدە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كونسېرۋالىق يېمەكلىكلەر
   گەرچە كونسېرۋالىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەمى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئۇزۇقلۇقى ئاساسەن ھەممىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىپ سۈمۈرىشى تەس بولىدۇ.
مايدا داغلانغان يېمەكلىكلەر
   مايدا داغلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئادەتتە ماي تەركىبلىرى ۋە ئوكسىدلانغان ماددىلار ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، دائىم ئىستېمال قىلغاندا راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپى ئېلىپ كېلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号