ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تۇخۇمنى نەچچە مىنۇت پىشۇرساق توغرا بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تۇخۇمنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئۇزۇقلۇق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەنىلا سۇدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىش ئەڭ ياخشى ھېسابلىنىدۇ.
   ئادەتتە، تۇخۇمنى ئون مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرساق، ئېقى ۋە سېرىقى تولۇق قېتىپ پىشىدۇ؛ ئەگەر ئالتە مىنۇتتىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، تۇخۇمنىڭ سېرىقى يېرىم قاتقان ھالەتتە پىشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇزۇقلۇق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سېرىقى تۇلۇق قېتىپ پىشقان بىلەن يېرىم قاتقان ھالەتتە پىشقاننىڭ كۆپ پەرقى يوق، ئەمما تەم جەھەتتە كۆرۈنەرلىك پەرق بار. بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەرقى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى پۈتۈنلەي قېتىپ پىشقان تۇخۇم يىيىش كېرەك.
   چۈنكى، تۇخۇمغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەڭ ئاسان يۇقۇملىنىدىغان ۋىرۇس، سالمونىللا ۋىروسى بولۇپ، بۇ خىل ماددا پۇراقسىز ھەم رەڭسىز كېلىدۇ، ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ، ئەمما ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن سالمونىللا ۋىروسى بار يېمەكلىكنى يەپ قويساق، ئادەمدە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىزىش، قورساق ئاغرىش، كۆڭۈل ئاينىش، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ ئادەتتىكى كىشىلەر 7-3 كۈن ئەتراپىدا ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ، ئەمما كىچىك بالىلار ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاش قىلىنىمىسا، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   تۇخۇم، سالمونىللا ۋىرۇسىنىڭ مۇھىم ۋاستىچىسى بولۇپ، ئەگەر تۇخۇم تولۇق پىشمىسا، يەنى ئالدىدا ئېيتقان سېرىقى يېتىم قاتقان ھالەتتە پىشقان بولسا، تۇخۇم تەركىبىدىكى سالمونىللا ۋىروسى پۈتۈنلەي ئۆلۈپ يوقالماسلىقى ھەمدە بۇ سەۋەبلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولماي قېلىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号