ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قازاننىڭ تۇۋىقىدىكى مايلارنى پاكىزلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاشخانا ئۆيدە ماي بۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، بۇستاتقۇدىكى ماي كىرلىرى نىسبەتەن كۆپ بولغاندىن باشقا، قازاننىڭ تۇۋىقىغىمۇ ھەمىشە بىر قەۋەت ماي كىرى يېپىشىۋىلىپ، قارىماققىلا كۆڭۈلنى ئاينىتقۇدەك مەينەت كۆرۈنۈپ قالىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇۋاقنىڭ يۈز قىسىمىدىكى ماي كىرىنى پاكىزلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
سۇ ھورىدا ئىرىتىش
   سۇ ھورى ماي كىرلىرىنى ئىرىتەلەيدىغان بولۇپ، ماي كىرلىرى پارچىلىنىپ ئىرىگەندىن كېيىن ئۇنى يۇيۇپ چىقىرىۋەتمەك ئاسانغا توختايدۇ. ئالدى بىلەن قازانغا ئازراق سۇ قۇيۇپ قىزىتىپ، نەچچە تامچە يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قوشىمىز؛ سۇ قاينىغاندىن كېيىن، سۇدىن ئۆرلەپ چىققان ھوردا تۇۋاقنى بۇسلاپ قىزىتىمىز. نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، پاكىزە لاتا بىلەن تۇۋاقنى سۈرتسەك، ماي كىرلىرى پاكىزە چىقىپ كېتىدۇ.
سەۋزە بېشى
   ئادەتتە سەۋزىنىڭ باش قىسىمىنى ئىشلەتمەي كىسىپ ئېلىۋىتىمىز. لېكىن، ئەگەر سەۋزىنىڭ باش قىسىمىنى كىسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن تاشلىۋەتمەي، تۇۋاقنىڭ يۈز قىسىمىغا بىر قاتار سۈرۈپ، كەينىدىن تۇۋاقنى سۇدا يۇيۇپ چايقىۋەتسەك، تۇۋاقنىڭ يۈز قىسىمىدىكى ماي كىرلىرى پاكىزە چىقىپ كېتىدۇ.
ئۇن
   ئەمەلىيەتتە، ئۇننىڭ ماي كىرلىرىنى چىقىرىش ئۈنۈمىمۇ ئالاھىدە ياخشى. ئۇندىن ئازراق ئېلىپ، تۇۋاقنىڭ يۈز قىسىمىغا سەپكەندىن كېيىن، قولىمىزدا ئۇۋۇلاپ ماي كىرلىرىنى يېپىشتۇرۇپ، كەينىدىن سۇدا چايقىۋەتسەك، تۇۋاقنىڭ يۈزىدىكى ماي كىرلىرىنى پاكىزە چىقىرىۋىتىشكە بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号