ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
پىيازنىڭ تۇرمۇشتىكى بۇ پايدىلىق تەرەپلىرىنى بىلەمسىز؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
زۇكامنى داۋالاش
   پىياز تەركىبىدە سېلىن ماددىسى نىسبەتەن مول بولۇپ، سوغۇقتىن بولغان زۇكامنى داۋالاشقا قارىتا قوشۇمچە رول ئوينايدۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى، پىيازنى ياپراقچە ھالىتىدە توغراپ، يوڭچۈەن پەللىسى ئەتراپىغا (تاپىنىمىزدىكى "" خەتلىك سىزىقچىلارنىڭ كىسىشمە ئورنى) قويۇپ، پايپاق كىيىپ ياتساق، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن ئورنىمىزدىن تۇرغان ۋاقىتتا، زۇكام، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ يېنىكلىگەنلىكىنى بايقايمىز.
ئۇيقۇ قېچىشنى ياخشىلاش
   پىيازنى ئۇششاق توغراپ، ياستۇقىڭىزنىڭ يېنىغا قويۇپ قويسىڭىز، ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلاش رولىنى ئوينىيالايدۇ.
چاچ ئاسراش
   پىيازنى ئۇششاق توغرىغاندىن كېيىن، قاچىغا سېلىپ ئىزىپ، كەينىدىن داكىغا ئوراپ سىقىپ سۈيىنى چىقىرىمىز. پىياز شەربىتىنى  سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ چېچىمىزنى يۇساق، ئۇزۇن ئۆتمەيلا چېچىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.
تېرە ئاسراپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش
   پىياز تەركىبىدە قېرىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا بار بولۇپ، پىياز بىلەن يۈزىمىزنى سۈرتۈپ يۇيۇپ بەرسەك، داغ سەپكۈننى داۋالاپ، تىرىنىڭ يۇمرانلىقىنى ساقلاشقا بولىدۇ.
چىشنى قۇرت يىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
   ھەر كۈنى يېرىم تال پىيازنى خام پېتى ئىستېمال قىلىپ ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتۇرساق، قۇرت يىگەن چىشتىكى ئاغرىق تۇيغۇسىنى يوقىتىپ، چىشنى داۋاملىق قۇرت يىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
توڭلاتقۇدىكى غەلىتە پۇراقنى يوقىتىش
   پىيازنى توغراپ توڭلاتقۇغا سېلىپ قويساق، توڭلاتقۇدىكى غەلىتە پۇراقلارنى يوقىتىشتا ئالاھىدە ياخشى ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.
ئاياغنى پاقىرىتىش
   پىيازنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى شەربىتى كۆپ قىسىمدا ئاياغنى سۈرتۈپ، كەينىدىن قۇرۇق لاتىدا سۈرتۈپ بەرسەك، كونا ئاياغمۇ دەرھال يېڭى ئاياغقا ئايلىنىدۇ.
پىچاقتىكى داتنى يوقىتىش
   پىچاق داتلىشىپ قالغان بولسا، پىياز ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ! پىيازنى تۇزغا چۇمارغاندىن كېيىن پىچاقنىڭ يۈز قىسىمىغا سۈرۈيمىز، بىر نەچچە قېتىم سۈرۈپ بەرسەك، پىچاق يۈزىدىكى داتلار يوقايدۇ.
سىر پۇرىقىنى يوقىتىش
   ئۆينى يېڭىدىن زىننەتلىگەن ۋاقىتتا، ئۆي ئىچىدە كۈچلۈك بىر خىل سىر پۇرىقى بار بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بىر نەچچە تال پىيازنى ئوتتۇرىدىكى ئىككى پارچە قىلىپ ئۆي ئىچىدە قويۇپ قويساق، ئۆيدىكى سىر پۇرىقىنى تېز سۈرئەتتە يوقاتقىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号