ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ ھېندىستانلىقلارنىڭ قىلمايدىغان ئىشى يوق ئىكەن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھېندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا، ئۆزگىچە بىر ساتىراچ ئۇستام بار بولۇپ، بۇ يىل 48ياشقا كىرگەن بۇ ساتىراچ ئۇستام—نازىم.ئالى، ئۆزگىچە بىر خىل چاچ ياساش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان؛ يەنى، ئۇ خېرىدارلارنىڭ چېچىنى ياساشتا قايچا ئىشلەتمەيدۇ، بەلكى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ياسايدۇ.
   نازىم ئۆزىنىڭ بۇ ساتىراچخانىسىنى ئاچقىلى 27يىل بولغان. ئۇ خېرىدارلارنىڭ بېشىغا ئاسانلا كۆيىدىغان تالقانسىمان ماددا ۋە نامەلۇم سويۇقلۇق قۇيۇپ، كەينىدىن چاقماق بىلەن خېرىدارنىڭ بېشىغا ئوت ياقىدۇ ھەمدە قولى بىلەن خېرىدارنىڭ چېچىنى ھەر خىل شەكىللەرگە كىرگۈزۈپ ياسايدۇ؛ بۇ خىل ئۇسۇل قارىماققا ناھايىتى خەتەرلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خېرىدارلىرى، بېشىدا ئوت كۆيگەنلىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلالمايدۇ.
   نازىمنىڭ بۇ خىل غەلىتە چاچ ياساش ئۇسۇلى، ئۇنىڭ تىجارىتىنىڭ ناھايىتى روناق تېپىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان؛ نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ساتىراچخانىسىغا چاچ ياساتقىلى كەلگەن. نازىم ھەر كۈنى تەخمىنەن ئون بەشتەك خېرىدارنىڭ چېچىنى ياساپ قويىدىغان بولۇپ، ھەر بىر قېتىملىق چاچ ياساش ئۈچۈن، خەلق پۇلىدا 27يۈەن ھەق ئالىدىكەن.
   نازىمنىڭ دېيىشىچە، ئوت بىلەن كۆيدۈرۈپ چاچ ياساشتا، تاكتىكا ئۇسۇلغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت ئىنتايىن كۆپ كىتىدىكەن؛ بۇ سەۋەبلىك، ئۇ ھەر كۈنى پەقەت 15نەپەر خېرىدارنىڭلا چېچىنى ياسايدىكەن، ئارتۇق خېرىدارلار كېيىنكى كۈنلەرگە ئالدىن كىلىشىپ قايتا كىلىشى لازىم بولىدىكەن. نازىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھېندىستاندىكى بىردىنبىر ئوت بىلەن چاچ ياسايدىغان ساتىراچ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلەتكىنى مەخپى ئۇسۇلدا تەڭشەلگەن خېمىيلىك يېقىلغۇ ماتېرىيالى بولۇپ، نان بىرىۋاتقان كەسپىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئۇ بۇ مەخپىيەتلىكنى ھېچقانداق ئادەمگە ئېيتىپ بەرمەيدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号