ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
نېمىشقا بەزى كىشىلەر دانىخورەكتىن قۇتۇلالمايدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئىشىنىمەنكى، كۆپ قىسىم كىشىلەر يۈزلىرىگە دانىخورەك چىقىپ قالغان ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان؛ شۇڭا بىز ھەمىشە، دانىخورەك چىقىش ياشلىقنىڭ ئالامىتى دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللى بىرىشكە ئادەتلەنگەن. لېكىن، ئاز بولمىغان كىشىلەر ياشلىق دەۋرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يۈزلىرىگە دانىخورەك چىقىش توختاپ قالمايدۇ؛ ئەكسىچە، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ يۈزىگە ئەزەلدىن دانىخورەك چىقمايدۇ. ئۇنداقتا بۇ نېمە ئۈچۈن؟
   ئادەم يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، بەدەندىكى ھورمۇن سەۋيىسىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، ھورمۇن ئاجرىلىپ چىقىش كۆپىيىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ھورمۇن سەۋيىسىدە تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
   ھورمۇن سەۋىيىسى مۇقىم بولمىسا، بەدەننىڭ ئىچكى ئاجرالما سېستىمىسى نورمال خىزمەت قىلالماي، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار ۋە ئەخلەتلەرنىڭ ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋىتەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇ زەھەرلىك ماددىلار ۋە ئەخلەتلەر بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋىتىلەلمەي قالغان ۋاقىتتا، چىقىرىلىدىغان يەر تاپالمىغاچقا، تۈك تۆشۈكچىلىرىدىن سىڭىپ چىقىپ، يۈز قىسىمدىكى تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ يوغىناپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە توختىماي دانىخورەك چىقىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلىدۇ. بىراق ياشنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ياشلىق مەزگىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن بەدەندىكى ھورمۇنلار مۇقىملىشىپ، دانىخورەك چىقىش ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ.
   ئۇنداقتا، بەزى كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ياشلىق دەۋرىدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ يەنە دانىخورەك چىقىدۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب، بەدەندىكى ھورمۇنلاردا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈش ياشلىق دەۋرىدە كۆرۈلۈپلا قالماي، ئادەم قورامىغا يەتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بولۇپمۇ بەزىبىر ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى بار كىشىلەر، مەسىلەن دائىم كېچىسى ئۇخلىماسلىق دېگەنگە ئوخشاش، بۇنداق ئەھۋالدىمۇ بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ نورمال پائالىيىتىگە تەسىر يىتىپ، مىتابولىزىم ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىتىۋىتىلەلمەي، يۈزىگە دانىخورەك چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ئەمدى ئەزەلدىن يۈزىگە دانىخورەك چىقمايدىغان كىشىلەرگە كەلسەك، بۇ كۆپىنچە ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بەزى كىشىلەرنىڭ تېرىسى توغۇلما قۇرغاق بولىدۇ، بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە ئاسانلىقچە دانىخورەك چىقمايدۇ. ئەكسىچە، تېرىسى مايلىق كەلگەن كىشىلەرگە ئاسانلا دانىخورەك چىقىدۇ. بۇندىن باشقا، دانىخورەك چىقمايدىغان كىشىلەرنىڭ يەنە تۇرمۇش ئادىتىمۇ ياخشى بولىدۇ.
   ھەمىشە يۈزىگە دانىخورەك چىقىۋىلىش مەسىلىسىدە، ئادەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىگە دىققەت قىلغاندىن باشقا، يەنە يۈز قىسىمنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بىرىپ، ئىمكان قەدەر ئاز گىرىم قىلىش، سۈپىتى ناچار گىرىم مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号