ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قارا قېرىنقولاق تەملەشتۈرۈشتە خام قارا قېرىنقولاق ياخشىمۇ ياكى پىششىقمۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   قارا قېرىنقولاق، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان چوڭ تىپتىكى ئىستېمال زەمبۇرۇغى بولۇپ، تەركىبىدە يېمەكلىك تالالىرى ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئېنېرگىيە مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن. قارا قېرىنقولاقنىڭ ئىستېمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە سوغۇق تەملەشتۈرۈلگەن قارا قېرىنقولاق ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن. لېكىن، قارا قېرىنقولاق تەملەشتۈرۈشتە، خام قارا قېرىنقولاق ئىشلەتكەن ياخشىمۇ ياكى پىشۇرغان قارا قېرىنقولاق ئىشلەتكەن ياخشىمۇ؟
   سىز دىققەت قىلدىڭىزمۇ يوق بىلمىدىم، ئەمەلىيەتتە، خام قارا قېرىنقولاق بىلەن پىششىق قارا قېرىنقولاقنىڭ تەمىنىڭ كۆپ پەرقى يوق، ئىشەنمىسىڭىز سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. قارا قېرىنقولاقنى سۇغا چىلاپ كۆپتۈرگەندىن كېيىن، قايناقسۇدا نەچچە مىنۇت پىشۇرۇپ سوۋۇتۇش بىلەن پىشۇرمىغاننىڭ كۆپ پەرقى يوق، ئەگەر بىرەرسى  سىزگە ئېيتىپ بەرمىسە، سىز ئۇنى ھېس قىلالمايسىز. لېكىن مېنىڭچە، قارا قېرىنقولاقنى تەملەشتۈرۈشتىن ئاۋۋال، يەنىلا سۇدا بىر قاينىتىپ ئالغاندىن كېيىن ئاندىن تەملەشتۈرگەن ياخشى.
مىكرو جانلىقلاردا بۇلغىنىشنى ئازايتىدۇ
   قايناقسۇدا قاينىتىپ ئېلىنغان قارا قېرىنقولاقنىڭ سىرتقى يۈز قىسىمىدىكى مىكرو جانلىقلار، ئاساسەن يۇقىرى تىمپىراتورىدا يوقىتىلىدۇ، بۇنىڭدا، قارا قېرىنقولاق بىر قەدەر پاكىزە بولۇپ، مىكرو جانلىقلارنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىمايدۇ.
تېرىنىڭ نۇر سەزگۈرلۈك زەخمىلىنىشىنى ئازايتىدۇ
   يېڭى قارا قېرىنقولاق تەركىبىدە، پورفىرىن نىسبەتەن كۆپ. پورفىرىن، بىر خىل نۇر سەزگۈر ماددا بولۇپ، نۇر چۈشكەندىن كېيىن پارچىلىنىپ، بەزى زىيانلىق ماددىلارنى ھاسىل قىلىپ تېرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. يېڭى قارا قېرىنقولاقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ ئاپتاپقا قاقلانساق، قۇياش نۇرى خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز ئادەتتە يەيدىغان قارا قېرىنقولاق، كۆپىنچە ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ ساقلانغان قارا قېرىنقولاق بولۇپ، ئاپتاپقا قاقلىنىش جەريانىدا، تەركىبىدىكى پورفىرىن زور دەرىجىدە خوراپ تۈگەيدۇ، شۇڭا ئادەتتە قۇياش نۇرى خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
   گەرچە ئاپتاپقا قاقلاپ ساقلانغان قارا قېرىنقولاقنىڭ تېرە ياللۇغى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما ئادەتتە كۆپ ئۇچرىمايدىغان پورفىرىن كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان كىشىلەر، ناھايىتى ئاز مىقداردا پورفىرىن ئىستىمال قىلىپ سالسىمۇ، ئاسانلا تېرىسىنىڭ زەخمىلىنىشكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قارا قېرىنقولاقنى، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئاۋۋال قايناقسۇدا بىر قاينىتىپ پىشۇرۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن سوۋۇتۇپ تەملەشتۈرۈش كېرەك.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号