ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۆيىڭىزدە مېھمان كۈتۈشتە لازىم بولىدىغان سوغۇق سەيلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
 قىيامدا تەملەشتۈرۈلگەن تۇرۇپ ياپراقچىسى
 
   تۇرۇپنى نىپىز ياپراقچە ھالىتىدە توغراپ، شىكەر سۈيىگە 8-7سائەت چىلاپ قويغاندىن كېيىن، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، لاۋچۇۋ جىياڭيۇسى، ھەسەل، ئاچچىقسۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان قىيامغا 8سائەت چىلاپ قويىمىز؛ تەملەشتۈرگەن ۋاقىتتا، ئازراق شېكەر، ئۇششاق چانالغان قىزىلمۇچ، كۈنجۈت مېيى، قىزىل ماي قاتارلىقلاردىن ئارىلاشتۇرۇپ تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.
 
سوغۇق تەملەشتۈرۈلگەن تەرخەمەك

   1. تەرخەمەكنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز، ياكى خوڭگىنى بىۋاستە چەيدو بىلەن ئۇرۇپ ئىزىپ پارچىلىساقمۇ بولىدۇ.
   2. سامساقنى ئاقلاپ يۇيۇپ، ئۇششاق چاناپ توغرايمىز؛ كىچىك قىزىلمۇچنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز.
   3. بىر چىنىگە مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ، قىزىل ماي، جىياڭيۇ ۋە توخۇ تەم جەۋھىرى قوشۇپ، قىيام شەربىتى تەييارلىۋالىمىز.
   4. توغرالغان تەرخەمەك، سامساق، قىزىلمۇچ قاتارلىقلارنى تەخسىگە ئېلىپ، ئۈستىگە تەييار قىلغان قىيام شەربىتىنى تۆكىمىز.
   5. تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 5-4مېنۇت قويۇپ قويغاندىن كېيىن ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
 
دۇفۇ قېقى قوشۇپ تەملەشتۈرۈلگەن قارا قېرىنقولاق

   1. دۇفۇ قېقى بىلەن قارا قېرىنقولاقنى ئالدىنئالا سۇغا چىلاپ قويىمىز.
   2. دۇفۇ قېقىنى تۇز قوشۇلغان قايناقسۇغا سېلىپ ئۈچ مېنۇت ئەتراپىدا پىشۇرغاندىن كېيىن، سۈزۈپ ئېلىپ سۇغۇق سۇغا 5-4 مېنۇت چىلاپ قويىمىز.
   3. قارا قېرىنقولاقنى قايناقسۇغا سېلىپ بىر ئىككى مىنۇت پىشۇرغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
   4. قارا قېرىنقولاق بىلەن دۇفۇ قېقىنى تەخسىدىن بىرگە سېلىپ، ئۈستىگە سامساق چانالمىسى، يۇمغاقسۈت، قىزىلمۇچ قاتارلىقلارنى قوشىمىز ھەمدە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، قارىمۇچ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، مۇچ مېيى ۋە كۈنجۈت قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号