ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قىزىلگۈل چىراي گۈزەللەشتۈرۈش شورۋىگۈرۈچى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
    قىزىلگۈل بولسا بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، گۈلىدە تائام تەييارلاشقا، گۈلقەنت پىشۇرۇشقا، ئاي توقاچ قىيمىسى قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە قىزىل گۈل شورۋىگۈرۈچى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   خام ماتېرىيالى: گۈرۈچ، نومى گۈرۈچى، قىزىلگۈل، ھەسەل، چىلان، ئالقات، ناۋات
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىرىنچە قەدەمدە، شورپا قازىنىغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ ئوچاققا ئاسىمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، گۈرۈچ، نومى گۈرۈچى، چىلان، ئالقات، قىزىلگۈل بەرگى قاتارلىقلارنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييار قىلىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، چىنىدىن ئىككىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەش قوشۇق ھەسەل ۋە بەش قوشۇق ناۋات سېلىپ تەييارلايمىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى
   تۆتىنچى قەدەمدە، قازانغا ئوت يېقىپ سۇنى قايناتقاندىن كېيىن، گۈرۈچ بىلەن نومى گۈرۈچىنى سېلىپ يېرىم سائەت قاينىتىمىز؛ يېرىم سائەتتىن كېيىن چىلان ۋە قىزىلگۈل بەرگىنى سېلىپ 15مېنۇت قاينىتىمىز؛ كەينىدىن، ناۋات، ھەسەل، ئالقات قاتارلىقلارنى سېلىپ كىچىك ئوتتا بەش مىنۇت قاينىتىمىز(دىققەت، ھەر ۋاقىت قازانغا دىققەت قىلىپ، چۆمۈچتە مالتىلاپ تۇرىمىز.)؛ ۋاقىت توشقاندىن كېيىن ئوتنى ئۆچۈرىمىز.
   بەشىنچى قەدەمدە، قاچىغا ئۇسۇپ ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ. بۇ خىل شورۋىگۈرۈچ ئاياللارنىڭ ئىچىشىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان بولۇپ، قېرىشنى ئاستىلىتىش، بەدەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈمى بولۇپ، چىراي گۈزەللىكىنى ساقلاشتىكى زۆرۈر يېمەكلىكلەرنىڭ بىرىدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号