ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
چەتئەللىكلەر نېمە ئۈچۈن قورۇما قورۇپ يىمەيدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   دۆلىتىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك تائاملىرى، دۇنيادا ئۆزگىچە بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قورۇما تۈرلىرى ھەرخىل، ئاچچىق، تاتلىق، چۈچۈمەل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۆلىتىمىز تائام مەدەنىيىتىدە پىشۇرۇش ئۇسۇللىرىمۇ ھەرخىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى قورۇپ ئىستېمال قىلىشتۇر. بۇ خىل ئۇسۇل ناھايىتى ئاددى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەملىك چىقىدۇ. لېكىن، نېمە ئۈچۈن ياۋرۇ-ئامىرىكا دۆلەتلىرىدە قورۇما قورۇپ يىمەيدۇ؟ ئۇلار ھۇرۇن بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداقمۇ؟
   ئالدى بىلەن، قورۇما، يېمەكلىك يىتەرلىك بولغان ئاساستا شەكىللەنگەن مەھسۇلات. قەدىمكى زاماندىكى ئاچارچىلىققا تولغان دەۋرلەردە، دۆلىتىمىزدىمۇ قورۇما قورۇپ ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەر ئىنتايىن ئاز ئىدى. چۈنكى، يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئېنېرگىيە مۇقىم بولىدۇ، لېكىن قورۇپ پىشۇرۇش، يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئېنېرگىيەنى زور مىقداردا تۆۋەنلىتىۋىتىپ، ئەسلىدىنلا قورسىقى تويغۇدەك تاماق يىيەلمىگەن كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلغان ئېنېرگىيىسىنىڭ تېخىمۇ ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. غەرپلىكلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ بۇنىڭدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بىر قەدەر كەمچىل، كۆكتات تۈرلىرىمۇ ئاز بولغاچقا، ئۇلار يېمەكلىكنى قورۇپ پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى ياقتۇرمايدۇ.
   يەنە بىر سەۋەب بولسا، دۆلىتىمىزنىڭ تارىخى، غەرپ ئەللىرىگە قارىغاندا كۆپ بۇرۇن ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى يەن خۇاڭ دەۋرىدىلا، شېن نۇڭشى ئۆزى شەخسەن نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى تېتىپ كۆرۈپ، ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رولىنى ئايرىپ چىققان؛ لېكىن بۇ ۋاقىتتا بولسا، غەرپ ئەللىرىنىڭ ھېچقانداق تارىخى مەۋجۇت ئەمەس، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى تېخى باشلانمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، دۆلىتىمىز خەلقى نەچچە مىڭ يىللىق ئۆزلۈكسىز تۈردىكى ئىزدىنىش ئارقىلىق، تۇرمۇش ساۋاتلىرى ۋە تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش جەھەتتە، چەتئەللىكلەرنىڭ كۆپ ئالدىغا چىقىپ كەتكەن. غەرپ ئەللىرىنىڭ قەدىمكى مەزگىلىدە بولسا، ئۇلارنىڭ يېمەكلىك ماتېرىياللىرى دۆلىتىمىزنىڭكىدەك ئۇنداق كۆپ ئەمەس، بۇنىڭغا بەلگىلىك دەرىجىدىكى مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ تەم خاھىشىنىڭ، دۆلىتىمىز خەلقىنىڭكىگە ئوخشاش بۇنداق ئىنچىكە ھەم نازۇك بولالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ سەۋەبلىك، ئۇلار قورۇما قورۇشقا ماھىر ئەمەس.
   ئەمەلىيەتتە، ئىتالىيە بىلەن فىرانسىيەدە، بەزىبىر يىمەكلىكلەرنى دۈملەپ پىشۇرۇش ۋە قورۇپ پىشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدۇ؛ لىكىن دۆلىتىمىز يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىدە، بىز ھەمىشە يۇقىرى تىمپىراتۇرىدا قورۇپ پىشۇرۇشنى ياخشى كۆرىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، غەرپلىكلەر ئاچچىق يىمەيدۇ، ئەكسىچە تاتلىق يىيىشكە ئامراق؛ بۇ سەۋەبلىك، ئۇلار قورۇمىنىڭ تەملىكلىكىنى ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىپ يىتەلمەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号