ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئىشتان ئوغرىلاشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى"نىڭ 20-نويابىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، بىر ئايالنىڭ سەككىز تال پادىچىلار ئىشتىنى ئوغرىلاپ نەخ مەيداندا تۇتۇلۇپ قالغاندىكى سۈرەتلىك فىلىمى، نۆۋەتتە پىرۇدىكى تورداشلار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ، چىكىلىش سانى 2مىليون 500مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن.
   ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئايال كىشى بولىۋىيەلىك بولۇپ، سۈرەتلىك فىلىمدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئىشتان ئوغرىلاپ بايقىلىپ قالغاندىن كېيىن، سودا ساراي خىزمەتچىلىرى ئۇنى تازىلىق ئۆيىگە ئېلىپ كىلىپ، ئۇنىڭدىن كىيىۋالغان ئىشتانلارنى سېلىشنى تەلەپ قىلغان.
   تازىلىق ئۆيىدە، خىزمەتچى خادىم بۇ ئايالغا، ئوغرىلىغان ئىشتانلارنى بىردىن بىردىن سېلىشنى بۇيرىغان. ئايالمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا، يۇۋاشلىقچە ئىشتاننى سېلىشقا باشلىغان، ئەتراپتا تۇرغانلار بولسا ئۇ سالغان ئىشتاننى ساناپ تۇرغان. ئاخىرىدا، بۇ ئايال ھەممە ئىشتاننى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار ساناش ئارقىلىق، بۇ ئايالنىڭ ئۆزى كىيىۋالغان پادىچىلار ئىشتىنىدىن باشقا، جەمئى 8تال پادىچىلار ئىشتىنى ئوغرىلىغانلىقىنى بايقىغان. ئەسلىدە، بۇ ئايال سەككىز ئىشتاننى ئوغرىلىغاندىن كېيىن، ھەممىنى ئۈستى ئۈستىلەپ كىيىۋالغان ئىكەن.

   فىلىم تورغا چىقىرىلغاندىن كىيىن، توردا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن. بىر قىسىم تورداشلار ئۇ ئايالنى تۈرمىگە كىرىشى كېرەك دەپ قارىغان؛ يەنە بىر قىسىم تورداشلار بولسا، ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلىشىنىڭ بەلگىلىك سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن، ياكى قورسىقى ئىچىپ يىگىلى نەرسە يوق، شۇڭا ئوغرىلىق قىلىپ سالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ، ئۇ ئايالغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەن. يەنە بەزى تورداشلار، 9 قات پادىچىلار ئىشتىنىنى ئۈستى-ئۈستىلەپ كىيەلىگەنگە قاراپ، ئۇ ئايالنى چوقۇم ناھايىتى ئۇرۇق ئىكەن دەپ پەرەز قىلىشقان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号