ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قىشتا قېتىق ئىچكەندە، ئىللىتىپ ئىچسەك بولامدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
   سوئال: ھاۋا سۇۋۇپ كەتتى، قېتىقنى سۇغۇق ئىچسەك ئاشقازان بىئارام بولىدۇ؛ ئىللىتىپ ئىچسەك بولامدۇ؟ ئۇزۇقلۇق تەركىبى بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟
   جاۋاب: ئىللىتىپ ئىچسەك بولىدۇ، ئۇزۇقلۇق تەركىبىمۇ بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ.
   قېتىقنىڭ ئەڭ ياخشى ئېچىتىش تىمپراتۇرىسى 40سىلتسىيە گىرادوس بولۇپ، بۇ تىمپىراتۇرا ئاستىدا، قېتىق تەركىبىدىكى پايدىلىق تەركىبلەر ئەڭ ئاكتىپ بولىدۇ.
   شۇڭا، 40 سىلتسىيە گىرادوس ئاستىدا، قېتىق تەركىبىدىكى پايدىلىق تەركىبلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ؛ ئەمما ئىللىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ.
   ئىللىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، قېتىق تەركىبىدىكى پايدىلىق تەركىبلەرنىڭ مىتابولىزىملىنىشى تىزلىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر پايدا قىلىدىغان ھەمدە ئىللىق قېتىق ئىچەي دىسىڭىز، ئۇنداقتا ئىللىتىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئىچىۋىتىڭ.
   سۇئال: 40سىلتسىيە گىرادوسلۇق مۇھىتتا، قېتىق تەركىبىدىكى لاكتىك كىسلاتا باكتىرىيىسى ئەڭ ئاكتىپ بولىدىكەن، شۇڭا قېتىقنى ئىللىتىپ 40سىلتسىيە گىرادوسقا ئەكىلىپ ئىچسەك، لاكتىك كىسلاتا باكتىرىيىسىنىڭ  ئاكتىپچانلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولامدۇ؟
   جاۋاب: مەن بۇنىڭغا ئائىت ماتېرىياللارنى ئىزدەپ تاپالمىدىم، شۇڭا بۇنى راستتىنلا بىلمەيدىكەنمەن.
   كۆپ قىسىم مىكرو جانلىقلار ھەزىم قىلىش يولىدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا، ئاشقازان كىسلاتاسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ، ئەلۋەتتە، لاكتىك كىسلاتا باكتىرىيىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىچكەن ۋاقتىمىزدا لاكتىك كىسلاتا باكتىرىيىسى تىرىك بولسۇن ياكى ئۆلۈك بولسۇن، ئىچكەندىن كېيىن ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.
   يەنە بىر قىسىملىرى ئۈچەي يولىغا تىرىك ھالدا يىتىپ بارالايدۇ. لېكىن، بەدەنگە پايدىلىق باكتېرىيلەرنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھايات كەچۈرۈش ئىقتىدارىمۇ ھەر خىل بولىدۇ، شۇڭا سىزنىڭ ئىچكىنىڭىزنىڭ جېنى چىڭمۇ ئەمەس بۇنىڭغا بىر نەرسە دېمەك تەس.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، تىرىك قالغان ھالەتتىمۇ، سىزنىڭ ئۈچەي يوللىرىڭىزدا ئورۇن ئىگىلەپ، سىزنىڭ بىخەتەرلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلالىشىمۇ بىر مەسىلە. ئۈچەي يوللىرىغا كىرگەن پايدىلىق باكتىرىيەلەرنىڭ سانى يىتەرلىك بولغان ۋاقىتتىلا، ئاندىن "ئۈچەي يوللىرى ئىقتىدارىنى تەڭشەش" رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بار بولىدۇ. بىراق تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۆلۈپ كەتكەن پايدىلىق باكتىرىيەلەرنىڭ "جەسىتى"مۇ، پۈتۈنلەي كېرەكسىز بولغان ئەخلەتلەردىن ئەمەس ئېكەن.
   ئۇنىڭدا يەنىلا بەزىبىر زىيانلىق ماددىلارنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ چاپلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بار بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئۈچەي يوللىرىدا ئاللىبۇرۇنلا بار بولغان پايدىلىق باكتىرىيەلەرنىڭ "ئۇزۇقى"غا ئايلىنىشى مۇمكىن.
خۇلاسىلاپ يېغىنچاقلىساق:
   قېتىق مەيلى سۇغۇق بولسۇن ياكى ئىللىتىلغان بولسۇن، ئوخشاشلا ئاقسىل ۋە كالتسىي تولۇقلىيالايدۇ؛
   سۇغۇق قېتىق ئىچىشنىڭ بەدەنگە ھېچقانداق زىيانلىق تەسىرى يوق، پەقەت ئاشقازىنىڭىز قوبۇل قىلالىسىلا بولىدۇ.
   ئەگەر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئىللىتماقچى بولسىڭىز، سۇلياۋ قۇتىدىكى قېتىقنى ئىسسىققا چىداملىق قاچىغا قۇيۇپ ئاندىن ئىللىتىڭ.
   ئەگەر ئۈچەي يوللىرىم ساغلام بولسۇن دېسىڭىز، يەنىلا مىۋە-كۆكتات ۋە دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشىڭىز كېرەك؛ بىر ئىككى ئىستاكان قېتىقنىڭ كۆپ رولى بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号