ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
5G تېخنىكىسى قوللىنىلغان شوپۇرسىز مال سېتىش ماشىنىسى كوچىغا چىقتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-21 كۆرۈلىشى : قېتىم

   11-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىچىملىك ۋە ئۇششاق يىمەكلىكلەر قاچىلانغان 5Gلىق شوپۇرسىز مال سېتىش ماشىنىسىدىن ئۈچى، ۋۇخەن شەھىرى جىياڭ خەن پىيادىلىكلەر يولىدا پەيدا بولدى. پەقەت مال سېتىش ماشىنىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ياكى يان تەرىپىدە قول پولاڭلاتسىلا، ماشىنا يول بويىدا توختاپ، خېرىدارلارنى كود سايىلەپ مال سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
   بۇ خىلدىكى شوپۇرسىز مال سېتىش ماشىنىسى ئىچىدە ھەيدىگۈچى ۋە مال ساتقۇچى يوق، مېڭىش سۈرئىتى ئاستا، پىيادىلەر ۋە توسالغۇلاردىن ئۆزىنى توغرا ھالدا قاچۇرالايدۇ. ماشىنا گەۋدىسىدىكى ئېلىكترونلۇق سىزىمچان ئېكراندا سېتىلىدىغان مال تېزىمى كۆرسىتىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىسى ئېكران ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھالدا مال سېتىۋالالايدۇ. كودنى سايىلەپ پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، ماشىنا ئىچىدىن سېتىۋالغان مال چىقىرىلىپ بىرىدۇ.
   ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ 5G تېخنىكىسى قوللىنىلغان مال سېتىش ماشىنىسىنى، شىچى خۇيتۇڭ(بېيجىڭ) پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. بۇ شىركەتنىڭ تىجارەت بۆلىمىنىڭ دىرىكتورى سۈي ياچىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، شوپۇرسىز مال سېتىش ماشىنىسىنىڭ تولۇق يۈك ئېغىرلىقى 850كىلوگىرام بولۇپ، باتارىيەسىنىڭ يول يۈرۈش ئۇزۇنلۇقى 180كىلومېتىرغا يىتىدىكەن. ماشىنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى، سائىتىگە 10كىلومېتىر تېزلىكتە تەڭشەلگەن بولۇپ، ۋاقتىنچە پەقەت بەلگىلەنگەن بىخەتەر رايون دائىرىسىدە، ئالدىنئالا تەڭشەپ قويۇلغان مۇقىم لىنيە بويىچە ئايلىنىدىكەن.
   سۈي ياپىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ خىل شوپۇرسىز مال سېتىش ماشىنىسىغا، لازىر نۇرلۇق راداردىن ئۈچى، ئاۋاز دولقۇنلۇق راداردىن بىرسى سەپلەنگەن ھەمدە بىر قانچە كامىرا ۋە ھەرخىل ئىندۇكتۇلار قوشۇمچە قىلىپ ئورنىتىلغان؛ بۇندىن باشقا، L4 دەرىجىسىدىكى ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسى، ماشىنا بىرلەشمە تورى AI سەھنىسى، ماشىنا دەرىجىسىدىكى تەگلىك، باتارىيە ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى ۋە مودۇللاشتۇرۇلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كوزۇپ قاتارلىقلار سەپلەنگەن بولۇپ، ئىنتىرنىت تورى ئارقىلىق ئارقا سەھنە بىلەن ئۇلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى شوپۇرسىز مال سېتىش ماشىنىسى، بىخەتەرلىك خادىمى بىللە يولغا چىقمسىمۇ، ئاپتوماتىك ھالدا ھەيدەش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ھازىرلىغان بولۇپ، ھەم توسالغۇلارنى ئۆزلىكىدىن ھۆكۈم قىلىپ ئاپتوماتىك ھالدا ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى ئايلىنىپ ئۆتۈش بۇيرۇقىنى تاماملىيالايدۇ، ھەم ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئارقا سەھنىدىن باشقۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号