ئەسكەرتىش: يېڭىچە ئالدامچىلىق ئۇسۇلىدىن ئېھتىيات قىلىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
نەخ پۇل سودىسىدىكى بىر قولىدا پۇل تاپشۇرۇپ بىر قولىدا مالنى تاپشۇرۋېلىشقا قارىغاندا، توردا پۇل تۆلەش ياكى پۇل يۆتكەشتىكى كىچىكىپ ھىسابقا كىرىش ئىقتىدارى، سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ۋاقىت جەھەتتىن بىر خىل بۇففېر مەزگىلى تەمىنلەپ، تېلگىراف ئالدامچىلىقىدىن ساقلىنىشقا بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىلىق بولىدۇ. لېكىن، بۇنىڭمۇ پايدىسىز تەرەپلىرى بار بولۇپ، سەللا دىققەت قىلماي قالغاندا، ئالدامچىلار كىچىكىپ ھىسابقا كىرىش ئىقتىدارىدىنمۇ پايدىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.
دىلو مىسالى
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جىياڭ مىن شەھىرى شىنخۇي رايونىدىكى فىڭ ئەپەندىم، ئۆزىدىكى iPhoneX يانفوننى، 7100باھادا ساتىدىغانغا تورغا چىقىرىپ قويغان؛ ئەينى كۈنى، فىڭ ئەپەندىم بىر ئەرنىڭ تېلفونىنى تاپشۇرۋالغان بولۇپ، قارشى تەرەپ ئۇنىڭ يانفونىنى سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ كېلىشىپ بولغاندىن كېيىن، مەلۇم بىر سودا ساراينىڭ ئالدىدا سودىلىشىشقا كېلىشكەن.
فىڭ ئەپەندىم ئالما يانفونىنى ئېلىپ كېلىشكەن ئورۇنغا كەلگەن، قارشى تەرەپ يانفوننى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نەخ پۇل ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، فىڭ ئەپەندىمگە يانفوندىن 7100يۈەننى يۆتكەپ بەرگەن. قارشى تەرەپ بىر تۈرلۈك مەشغۇلاتلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن، فىڭ ئەپەندىمنىڭ يانفونىغا ھېسابقا پۇل كىرگەنلىك ئۇقتۇرۇشى كەلمىگەن.
قارشى تەرەپ بولسا، ئۆز يانفونىدىكى "ئىككى سائەتتىن كېيىن ھىسابقا كېرىدۇ" دىگەن خەتلەرنى كۆرسىتىپ، يانفون بانكىسىدا پۇل يۆتكىگەندە، بەلگىلىك ۋاقىت پەرقى بارلىقىنى ئىزاھلىغان.
فىڭ ئەپەندىم قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىرىگە بىر ئىشنىپ بىر ئىشەنمەي، قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىنى سۈرەتكە تارتىۋالغاندىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز يوللىرىغا راۋان بولۇشقان.
لېكىن، ئارىدىن ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، فىڭ ئەپەندىمنىڭ تاپشۇرۋالغىنى، قارشى تەرەپنىڭ پۇل يۆتكەشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىق ئۇچۇرى بولغان.
بۇ ۋاقىتتا فىڭ ئەپەندىم، ئامالسىز ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار فىڭ ئەپەندىم تەمىنلىگەن كىملىككە ئاساسەن، جىنايەت گۇماندارى دىڭ موۋ بو ۋە ئۇنىڭ شىرىكى دېڭ موۋ خۇينى قولغا چۈشۈرگەن.

دىلو مىسالى
چىڭ يۈەن شەھىرىكى جاڭ ئەپەندىم، دوستى بىلەن بىرلىكتە، ئۆيىدە بىكار تۇرۇپ قالغان بىر يانفوننى، 4100يۈەن باھادا سېتىلىدىغانغا تورغا چىقىرىپ قويغان. نەچچە كۈندىن كېيىن، سېتىۋالغۇچى جاڭ ئەپەندىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەلۇم بىر ئاپتوبۇس بېكىتىدە يۈز تۇرانە سودىلىشىشنى كېلىشكەن.
يانفوننى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، قارشى تەرەپ يانفوننى سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئۈندىدار پۇل قاپچۇقىدا ۋە جىفۇباۋدا پۇلى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، پۇلنى بىۋاستىلا جاڭ ئەپەندىمنىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بىرىشنى ئېيتقان. ئەينى ۋاقىتتا كەچ بولۇپ قالغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋامۇ سۇغۇق بولغاچقا، جاڭ ئەپەندىم قارشى تەرەپنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغان ھەمدە ئېھتىيات يۈزىسىدىن، قارشى تەرەپنىڭ يانفوندا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىغا قاراپ تۇرغان.
قارشى تەرەپ يانفوندا بىر قاتار مەشغۇلاتلارنى قىلىپ، كارتا نومۇرى، كارتا ئېگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يۆتكەيدىغان پۇل سانى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، مەخپى نومۇرنى كىرگۈزىدىغان ۋاقىتقا كەلگەندە، جاڭ ئەپەندىم ئەدەپ يۈزىسىدىن، قارشى تەرەپنىڭ يانفونىغا قايتا قاراپ تۇرمىغان. كەينىدىنلا، جاڭ ئەپەندىمنىڭ يانفونى، يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن كەلگەن بىر قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالغان.
جاڭ ئەپەندىم، سىگنال قوبۇل قېلىش ئاستا بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، كۆپ ئويلانماستىنلا نەخ مەيداندىن ئايرىلىپ كېتىپ قالغان. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن، بۇ پۇل ئۇنىڭ ھىساباتىغا كىرمىگەن. جاڭ ئەپەندىم يانفون سېتىۋالغان ئادەم بىلەن قايتا ئالاقىلاشقان ۋاقىتتا، قارشى تەرەپ يانفونىنى ئىتىپ يوقاپ كەتكەن. ئامالسىز قالغان جاڭ ئەپەندىم، دەرھال ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلغان.
جاڭ ئەپەندىمنىڭ يانفونى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئەمەسمىدى؟ بۇ پۇل نېمىشقا ئۇنىڭ ھىساباتىغا كىرىپ بولالمايدۇ؟ ئەسلىدە، قارشى تەرەپ كىچىكىپ ھىسابقا كىرىش ئىقتىدارىنى ئاچقۇزغان ئىكەن.
بۇ ھەقتە يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ دىيىشىچە، يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ يانفون بانكىسى، تور بانكىسى، ھەتتا ATM ماشىنىلىرىمۇ كىچىكىپ ھىسابقا كىرىشنى تاللاشقا بولىدىغان ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. ئەگەر قارشى تەرەپ بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتكەن بولسا، ئۇنداقتا 24سائەت ئىچىدە پۇل يۆتكەشنى ئەمەلدىن قالدۇرالايدىكەن.
بۇ خىزمەتچى خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر كىچىكىپ ھىسابقا كىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش ھادىسىلىرى ھەر ۋاقىت ئۇچراپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئەگەر پۇل يۆتكەش جەريانىدا بىرەر بىنورماللىق كۆرۈلسە، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈپ بىتەرەپ قىلىشىغا قويۇپ بىرىش كېرەك ئىكەن.
تور ساقچىلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، پۇل تاپشۇرۋالماقچى بولغاندا، بۇ پۇلنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ھىسابىغا كىرىپ بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى چوقۇم ئىنىق جەزىملەشتۈرۈش كېرەك. ئەگەر پۇل يۆتكەش جەريانىدا بىرەر بىنورماللىقنى بايقىساق، بىرىنچى ۋاقىتتا ساقچىغا مەلۇم قىلىشىمىز ۋە ۋاقتىدا بانكا خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ مەبلەغ سىچوتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.