ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
لاۋچوۋ جىياڭيۇسى بىلەن شىڭچۇۋ جىياڭيۇسىنىڭ پەرقى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
  ھازىرقى كىشىلەر، كۈتۈنۈشكە بارغانسېرى ئەھمىيەت بىرىپ، ئائىلىدە تائام تەييارلىغاندا، يېمەكلىك ۋە خۇرۇچ ماتېرىياللىرىنى ئالاھىدە تاللايدىغان بولۇپ كەتتى. لېكىن، نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا لاۋچوۋ جىياڭيۇسى بىلەن شىڭچۇۋ جىياڭيۇسىنىڭ پەرقىنى بىلەلمەيدۇ. بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
   ئەنئەنىۋى جىياڭيۇ ئېچىتىش ئۇسۇلىدا، جىياڭيۇنى ئاز دېگەندىمۇ يېرىم يىل ئېچىتىشقا توغرا كېلىدۇ؛ كەينىدىن، تارتىپ ئېلىنغان بىرىنچى قېتىملىق جىياڭيۇ، بىز ئادەتتە ئېيتىلغان "شىڭچۇۋ جىياڭيۇسىدۇر.
   لاۋ چوۋ جىياڭيۇسى بولسا، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسىنىڭ ئاساسىدا، تارتىپ ئېلىنغان جىياڭيۇنى يەنە قايتا 3-2ئاي قاقلاپ، چۆكتۈرۈپ سۈزۈلدۈرگەندىن كېيىن، لاۋچوۋ جىياڭيۇسىغا ئايلىنىدۇ، لاۋچۇ جىياڭيۇسىنىڭ سۈپىتى، شىڭچۇ جىياڭيۇسىغا قارىغاندا تېخىمۇ قۇيۇق بولىدۇ؛ بەزى ماركىدىكى لاۋچۇۋ جىياڭيۇلىرىنىڭ ئېچىتىش ۋە قاقلاش ۋاقتى بىر يىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
   ئىككىسىنىڭ پەرقىگە كەلسەك، رەڭ جەھەتتە، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسىنىڭ رەڭگى سۇس، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭگە مايىل كېلىدۇ؛ لاۋچۇۋ جىياڭيۇسىنىڭ رەڭگى بولسا قېنىق بولۇپ، قارا رەڭگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ. تەم جەھەتتە، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسىنىڭ تەمى نسبەتەن تۇزسىز، لاۋچۇۋ جىياڭيۇسى بولسا تۇزلۇقراق كېلىدۇ.
   ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئىككىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ئوخشاش بولمايدۇ. شىڭچۇۋ ئادەتتە سۇغۇق سەي تەييارلاشقا ئىشلىتىلىدۇ ياكى قورۇما قورىغاندا تەم كىرگۈزۈشكە ئىشلىتىلىدۇ؛ لاۋچۇۋ جىياڭيۇسى بولسا، ئادەتتە قىزارتىپ قورۇما قورۇشتا، قورىمىغا رەڭ گىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号