ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۈندىدار قانچىلىك ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلدى ھە!!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئىنتىرنىت تورى دەۋرىدە، مۇھەببەتلىشىش بارغانسېرى قولايلىشىپ كەتتى؛ ئۈندىدارنى ئاساسەن ھەممە ئادەم ئىشلىتىدۇ، ئەمما نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر ئۈندىدار سەۋەبلىك خانىۋەيران بولۇپ كەتتى.
   ئۈندىدار، ھەمىشە بىرلا يات جىنىسلىق بىلەن پاراڭلىشىۋەرمەڭ؛ بولمىسا، سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىسىز، ئەر ياكى ئاياللارنىڭ ھەممىسىلا ئوخشاش. سىز ئۈندىداردا مەلۇم بىر ناتونۇش يات جىنىسلىقنى قوشۇپ، ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىككى ئېغىزدىن پاراڭلىشىپ قويسىڭىز، بەلگىلىك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن سىز ئۇنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى چۈشىنىپ يىتىسىز، ھەمدە ئۆزىڭىزمۇ تۇيمىغان ئاساستا قارشى تەرەپنىڭ تۇرمۇشىغا كىرىپ قالىسىز.
   ئۈندىداردا مۇھەببەتلىشىش، ھەقىقەتەنمۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش؛ ئەمما پەقەت توي قىلمىغان ئەر-ئاياللار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئەگەر ئۈندىداردا ئائىلىسى بار بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز، ياكى ئائىلىسى بار بىرسى باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، بۇ بىر خىل خاتالىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   ھازىرقى جەمئىيەتتە بېسىم ئىنتايىن ئېغىر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش مەزگىگە يەتكەندىن كېيىن، كۆڭلىدىكى دەردىنى ئېيتىدىغان ئادەم تاپالماي قالىدۇ، يېنىدىكى ئادەم بولسا ئۇنى تولا كوتۇلدىدى دەپ بىزارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، تورنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى يات جىنىسلىق دوستى، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئاڭلىغۇچىسىغا ئايلىنىدۇ. چۈنكى، ئارىلىق گۈزەللىك شەكىللەندۈرىدىغان بولغاچقا، سىز ھەرقانچە كۆپ سۆزلىسىڭىزمۇ قارشى تەرەپ ئاڭلاشنى خالايدۇ، ھەرقانچە كۆپ ئۇچۇر يازسىڭىزمۇ قارشى تەرەپ ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرىدۇ؛ بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى، خۇددى توسمىغا ئۇچرىغان ئېقىن سۇغا ئوخشاش، ئاستا-ئاستا يېغىلىپ توپلىنىدۇ.
   سىزنىڭ ئۈندىدارىڭىزدىمۇ، ئۇرۇغ-تۇققان ۋە دوست-يارەنلىرىڭىزدىن باشقا، سىز بىلەن قەلب سىردىشىدىغان، دىيىشمەيدىغان گېپىڭلار بولمايدىغان يەنە بىر يات جىنىسلىق بارمۇ؟
   ئۇزۇن ۋاقىت پاراڭلاشقاندىن كېيىن، بۇ بىر خىل ئادەتكە ئايلىنىدۇ؛ خۇددى بىر ئادەم ھاراققا خۇمار بولۇپ قالغانغا ئوخشاش، ھەر قېتىم ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىشنى، ھاراقتىن ئاغرىنمايدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ ئاچكۈزلىكىدىنلا ئاغرىنىشقا بولىدۇ، چۈنكى ئادەم مۇشۇنداق قانائەت قىلمايدىغان كېلىدۇ. شۇڭا، سىز ئۈندىداردىلا پاراڭلىشىش بىلەن قانائەتلىنىپ قالمايسىز، ھامان بىر كۈنى ئارىلىقنى يېراق كۆرمەي، تورنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا بېرىپ قارشى تەرەپ بىلەن كۆرىشىسىز. لېكىن، بۇ كۆرۈشۈش بىلەن چاتاقمۇ تەڭ بىللە چىقىپ ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالالمايسىز؛ چۈنكى، قارشى تەرەپ قەلبىڭىزنى بىللە ئېلىپ كېتىدۇ.
   ئۈندىدارنى باشقىلارغا قەتئىي كۆرسەتمەيدىغان بولۇپ قالغان ۋاقىت، كۆڭلىڭىزدە باشقىلار بىلىپ قالسا بولمايدىغان مەخپىيەتلىك پەيدا بولغان ۋاقىتتۇر.
   شۇڭا، يانفوننى قويۇپ ئويلاپ بېقىڭ! قانچىلىغان كىشىلەر ئۈندىداردا مەغلۇپ بولدى؟ قانچىلىغان ئائىلىلەر ئۈندىدار سەۋەبلىك ۋەيران بولدى؟

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号