ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئورۇقلاش مەزگىلىدە يولۇقىدىغان قىيىنچىقىلارنى بىر تەرەپ قىلىش
مەنبەسى : يوللىغۇچى : jadi ۋاقتى : 2019-11-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئورۇقلاش مەزگىلىدە يولۇقىدىغان قىيىنچىقىلارنى بىر تەرەپ قىلىش
 
1، ئورۇقلاش مەزگىلىدىكى ئاچارچىلىق
 
ئورۇقلاش مەزگىلىدە، يىمەكلىكتىن قىسقانلىقىمىز ئۈچۈن، ئاسانلا ئاچارچىلىقتا قالغاندەك ھېسياتتا بولۇپ قالىمىز. شۇنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئاقسىل ۋە تالالىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك!ئاقسىل مولېكۇلىسى نىسبەتەن چوڭراق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، تالالىق يىمەكلىكلەر سۇ بىلەن بىرىككەندە كۈچلۈك تۇيۇنۇش تۇيغۇسى پەيدا قېلىدۇ. ھەم قان شېكىرىنى مۇقۇم ساقلايدۇ.  بېلىق تۇخۇم، سۈت، توخونىڭ تۆش گۆشى ھەم پۇرچاق تىپىدىكىلەر ئاقسىللىق يىمەكلىكلەر ھېساپلىنىدۇ، تالالىق يىمەكلىكلەر دىگەندە، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، قارا ئاشلىق، موگولارنى ئويلىشىمىز.
 
ئىللىق ئەسكەرتىش:  بەزى  كەچلىرى قورسىقىمىز ئاچقاندەك قىلغىنى بىلەن راستىنلا ئېچىپ كەتكەن بولۇشى ناتايىن، بۇ خىل ئەھۋالنى" ساختا ئاچارچىلىق" دىيىشكە بولىدۇ، مەسىلەن سۇ يىتىشمىگەندە، ئۇسسۇزلۇق سىزنى قورساق ئېچىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ، بۇ سىزنىڭ يىمەكلىككە ئەمەس سۇغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قانغۇچە سۇ ئىچىۋىلىپ، ئۇيقىغا كاپالەتلىك قېلىڭ!
 
2،  ئورۇقلاش مەزگىلىدە دۇچ كەلگەن تۇرغۇنلىشىپ قېلىش مەسىلىسى
 
تۇرغۇنلىشىپ قېلىش مەسىلىسى ئورۇقلىغۇچىلار ئەڭ بىزار بولىدىغان باسقۇچ، بۇ ۋاقىتتا بەدەن ئېغىرلىقى ئىزچىل مۇقۇم بولۇپ، بىر ئىزدا توختاپ قېلىپ قەتئىي چۈشمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئورۇقلىغۇچىدا شەك-شۆھبىسىز ھالدا مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ئىرادىسى ئاجىزلايدۇ، ھەتتا ئورۇقلاشتىن ۋاز كېچىدۇ.  لېكىن بۇ ۋاقىتتا ۋاز كېچىشكە ھەرگىز بولمايدۇ، ئىسسىقلىق مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازايتىشقىمۇ بولمايدۇ. بىزنىڭ بۇ ۋاقىتتا قىلىدىغان بىردىن بىر ئىشىمىز كۈندىلىك يىمەك ئىچمەك ھەم ھەركەت پىلانىنى مۇۋاپىق تەڭشەش.
مەسىلەن سىز ئورۇقلاش پىلانىڭىزنى باشتىن باشلاپلا كۈندە ئۈچ ۋاق نورمال غىزالىنىش ئاساسىدا تۈزگەن بولسىڭىز ئۇنداقتا ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالىنىشنى سىناپ بېقىڭ! ناۋادا كۈندە ئاستا يۈگۈرۈشنى پىلان قىلغان بولسىڭىز ئۇنداقتا، ھەركەت شەكلىنى ماي ئازايتىش گىمناستىكىسى ئويناشقا ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ! بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ تۇرغۇنلىشىپ قېلىش مەزگىلىدىن ئۆتىۋىلىشىڭىزغا پايدىلىق چارىلەر.
   
3، ئورۇقلاش پىلانىنىڭ باشلىنىشىدىكى يىمەك ئىچمەكتىن ئۆزىنى تارتالماسلىق مەسىلىسى
 
ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ - ئىچىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن تاماقنى زىيادە تېجىمەسلىك كېرەك . شۇنى بىلىش كېرەككى ، ئادەتتىكى كىشىلەر ئاچارچىلىققا ئۇزاق مۇددەت بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ، ئەگەر چىدىيالماي قالسا ، ئاچارچىلىق سىزنى تاماق تاللىماي جىق ھەم ئالاھىدە يەۋالىدىغان قېلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش، كۆپ يەۋىلىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئاچقۇچى. ناۋادا راستىنلا نەپسىڭىزنى يىغالماي قالسىڭىز، دىققىتىڭىزنى باشقا ئىشلارغا بېرىپ بېقىڭ! مەسىلەن مۇزىكا ئاڭلاپ بېقىڭ، ئۆي ئىشلىرىنى قېلىڭ، ئەڭ ياخشىسى سىرتقا چىقىپ  ئايلىنىپ كېلىڭ!بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ بىر نەرسە يىيىش غايىڭىزنى بەربات قىلىشقا پايدىلىق.
 
ئورۇقلاش ئۇنچە تەس  ئەمەس، بىراق ھەم يەنە ئۇنچە ئاسان ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىشمۇ ئەمەس،  سىز غەيرەت قېلىپ 90 كۈندىن كۆپىرەك بەرداشلىق بېرەلىسىڭىزلا، ئۈچ ئايدىن كېيىن  " قايتىدىن تۆرىلىش" نى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号