ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
"قوش 11"نىڭ سىھرىي كۈچى راستتىنلا شۇنچە يۇقىرىمۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نەچچە كۈن ئىلگىرى، يىلدا بىر كېلىدىغان "قوش 11" ئومۇمى خەلق مال سېتىۋېلىش شادلىق كۈنىنى كۈتىۋالدۇق. ئاز بولمىغان تورداشلىرىمىز، ئۆزىگە لازىملىق بولغان نەرسىلەرنى بىراقلا سېتىۋېلىش ئۈچۈن، مۇشۇ بىر كۈننى ساقلايدۇ. لېكىن، بەزىلەر قىزىققانلىق قىلىپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالغانلىق سەۋەبىدىن، "قوش 11"دىن كىيىنكى خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە، "ھاۋا يەپ شامال كېكىرىپ" يۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ خىل ئىستىمال قارىشى توغرا ئەمەس بولۇپ، ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسە-كېرەكلەرنى، ئېھتىياجغا ئاساسەن مۇۋاپىق پىلانلاپ سېتىۋالماق لازىمدۇر.
   ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا، سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى بىر ئەر، تۇيۇقسىزلا بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالماقچى بولغان؛ بۇ قانداق ئىش؟ ئەسلىدە، ۋاڭ فامىلىلىك بۇ ئەر، ئۇ كۈنى ئەمدى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىدە، ئويلىمىغان يەردىن ئايالى ئۇنىڭغا غەزىۋى تولۇپ تاشقۇدەك ئەھۋالدىن بىرنى ئېيتقان: ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ ئايالى، "قوش 11" كۈنى، ساق 300مىڭ يۈەن پۇل خەجلىۋەتكەن. غەزىۋىنى بېسىپ بولالمىغان ۋاڭ ئەپەندىم، ئايالىنى ئەيىبلەش جەريانىدا تېخىمۇ بەك ئاچچىقلىنىپ كېتىپ، ئۇنىڭدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش خىيالى پەيدا بولغان، شۇڭا بىنانىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋېلىپ، بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالماقچى بولغان.
   نەخ مەيدانغا يىتىپ كەلگەن ساقچى ۋە ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملارنىڭ ھەمدە ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسەللى بىرىپ نەسىھەت قىلىشى نەتىجىسىدە، ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ كەيپىياتى تەدرىجى تۇراقلاشقان. بۇ ۋاقىتتا، ۋاڭ ئەپەندىم ئۇلارغا ئۆزىگىمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ دەرت ئېيتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۆتكەن يىلدىكى "قوش 11" كۈنىدىمۇ، ئايالى بىر كۈندە ساق 200مىڭ يۈەن پۇلنى خەجلىۋەتكەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بوش ئاچچىقلانمىغان، بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، يېقىندا تېخى ئاران ئۇ 200مىڭ يۈەننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولغان. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن، ئايالى بۇ يىلقى "قوش 11" كۈنىدە ئۆتكەن يىلدىكىدىنمۇ كۆپ پۇلنى خەجلىۋەتكەن، بۇنىڭغا كىممۇ چىداپ تۇرالىسۇن دەيسىز؟
   ئەمەلىيەتتە، "قوش 11" مال سېتىۋېلىش كۈنى، يېقىنقى نەچچە يىلدىن بىرى تەدرىجىي ھالدا ئومۇملاشقا كۈن. بۇ خىل ئەندىزە گەرچە نۇرغۇن كىشىلەرگە قولايلىق ۋە بەلگىلىك مەنپەئەت يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما تور ئىستىمالىدا بەك چەكتىن ئېشىپ كەتمەي، لايىقىدا ئىش كۆرگىنىمىز ئەۋزەلدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号