ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ ئۈچ ۋاقىتتا يانفون ئوينىسىڭىز بۆرەككە زىيانلىق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، يانفون، ھەممە ئادەمدە چوقۇم بار بولغان بىر بۇيۇمغا ئايلاندى. مەيلى ياشانغانلار بولسۇن ياكى كىچىك دوستلار بولسۇن، ھەممەيلەننىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق يانفونى بار. بىراق، يانفون پۈتۈنلەي ئومۇملاشقاندىن كىيىن، نۇرغۇن كىشىلەر، مەيلى تاماق يىگەندە ياكى يول ماڭغاندا بولسۇن، قولىدىن يانفوننى چۈشۈرمەيدىغان بولىۋالدى.
   بۆرەك، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم بولغان ئەزا؛ ئۇ ئىچكى ئاجرىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ھەركۈنى بەدەندىكى كىرەكسىز ماددىلارنى ئۈزۈلدۈرمەي بدەن سىرتىغا چىقىرىپ تۇرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بەدەن ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ. لېكىن، تۆۋەندىكى نەچچە خىل ۋاقىت بۆلىكىدە يانفون ئوينىساق، بۆرەك ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
كىچىسى ئۇخلىماي يانفون ئويناش
   ھازىر تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ كۈندۈزدە يانفون ئوينايدىغانغا ۋاقتى چىقماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا ئۇلار كۆپىنچە، كىچىسى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا يانفون ئويناشقا ئادەتلەنگەن بولىدۇ. بىراق، ئۇزۇن ۋاقىت كىچىسى ئۇخلىماي يانفون ئوينىغاندا، ئۇيقۇغا تەسىر يىتىپلا قالماي، يەنە بەدەندىكى ئىچكى ئاجرىلىشقىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك روھى ھالىتىمىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىچىدىكى ئۇخلاش ۋاقىتدا، بۆرەك ئۆز-ئۆزىنى تازىلايدىغان ۋە مىتابولىزىملايدىغان بولۇپ، ئەگەر كىچىسى ئۇخلىماي يانفون ئوينىساق، بۆرەككە بەلگىلىك يامان تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.
تاماق يىيىشنىڭ ئالدىدا يانفون ئويناش
    بىز ھەمىشە، بالىلارغا تاماقتىن ئىلگىرى قولنى يۇيۇش ھەققىدە تەربىيە ئىشلەيمىز؛ لېكىن ھازىر، نۇرغۇن كىشىلەر تاماقنىڭ ئالدىدا يانفون ئويناشنى تاللايدۇ، بەزىلەر ھەتتا بىر تەرەپتىن تاماق يىگەچ بىر تەرەپتىن يانفون ئوينايدۇ.
  دوختۇرلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاماق يىگەن ۋاقىتتا يانفون ئوينىساق، ئادەمنىڭ دىققىتى چېچىلىپ كىتىپ، بۇ سەۋەبلىك ئىشتىھا تۆۋەنلەش، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىش، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدىكەن. ئەگەر بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشسا، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۆرەكنىڭ زەھەرنى بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
ھاجەتكە ئولتۇرغاندا يانفون ئويناش
   كۆپ قىسىم كىشىلەردە، ھاجەتكە ئولتۇرغاندا يانفون ئوينايدىغان ئادەت بار؛ بىراق، بۇ خىل ئادەت قەتئى ياخشى ئەمەس. چۈنكى، ھاجەتكە ئولتۇرغاندا يانفون ئويناش بىزنىڭ دىققىتىمىزنىڭ چېچىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چوڭ تەرەتنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بۆرەككە بولغان بېسىم ئېشىپ كىتىپ، بۆرەك كىسەللىكلىرى كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. بۇندىن باشقا، تۇرمۇشتا يەنە بەزىبىر ئەمەلىي مىساللارنى ئۇچرىتالايمىز؛ يەنى، ئەسلىدە كېسەللىك ئەھۋالى نىسبەتەن تۇراقلىق بولغان بەزىبىر يۈرەك مېڭە قان تومۇرى كىسەللىكى بىمارلىرىنىڭ، ھاجەتكە ئولتۇرغاندا يانفون ئويناش ياكى گېزىت كۆرۈش سەۋەبلىك قان بېسىمى يۇقىرى ئۆرلەپ كىتىپ ۋە مىڭىگە قان يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىپ، جىددى خارەكتىرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مىڭە سەكتىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن تۇيۇقىسز ئۆلۈپ كەتكەن ئەھۋاللار تۇرمۇشىمىزدا ئاز ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھاجەتكە ئولتۇرغاندا، يانفون ئوينىماي ياكى گىزىت-كىتاب كۆرمەي، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەت قىلىش كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号