ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئۈزۈمنىڭ بىر سېپى يەتمىش مىڭ يۈەن ئىكەن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ياپونيەدىكى ئۈزۈملەرنىڭ سورتى يۈز خىلدىن ئاشىدۇ، ئەمما ئارىسىدىكى پەقەت بىر خىلىلا ئادەمنىڭ شۆلگىيىنى ئېقىتىدۇ، لېكىن قىممەتلىكىدىن ئادەمنىڭ قەدەملىرىنى توختىتىپ قويىدۇ. بۇ خىل ئۈزۈمنىڭ بىر دانىسى، دىققەت!! بىر ساپ ئەمەس بىر دانىسى، نەچچە يۈز ئامىرىكا دوللىرىغا سېتىلىدۇ. بۇ خىل ئۈزۈمنىڭ ئاتىلىشى "رۇم ياقۇتى" بولۇپ، ياپونيە شىچۈەن ناھىيىسىدە يېتىشتۈرۈلگەن، ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت مىۋىلەرنىڭ بىرى.
   ياپونيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇم ياقۇتى ئۈزۈمىنىڭ ھېكايىسى 1995-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى شىچۈەن ناھىيىسىدىكى ئۈزۈم يېتىشتۈرگۈچى دېھقانلار، ناھىيەلىك دېھقانچىلىق تەتقىقات ئورنىدىن ياردەم سوراپ، بىر خىل چوڭ تىپتىكى قىزىل ئۈزۈم سورتى يېتىشتۈرۈپ چىقماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار تەجىربە ئېتىزىدا 400تۈپتىن ئارتۇق ئۈزۈم كۆچىتى تىكىپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ، بۇ ئۈزۈم كۆچەتلىرى، ئاخىرى ئىككى يىلدىن كىيىن چېچەكلەپ مىۋە بەرگەن.
   لېكىن، بۇ 400تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى ئىچىدە، پەقەت 4 تۈپلا قىزىل ئۈزۈم چىققان ھەمدە بۇ تۆت تۈپنىڭ ئىچىدىنمۇ، پەقەت بىر تۈپلا ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى كۆزلىگە نىشانىغا يىتەلىگەن. شۇندىن كېيىنكى 14يىل ئىچىدە، تەتقىقاتچىلار توختىماستىن يىڭى سورت كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنى تېخىمۇ چوڭ، تەمىنى تېخىمۇ تەملىك قىلغان ھەمدە ئاخىرىدا بۈگۈنكى كۈندىكى قىممەت باھالىق رۇم ياقۇتىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.
   2008-يىلى، بۇ خىل ئۈزۈن تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىنغان ۋاقىتتا، 700گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ساپ ئۈزۈمگە، ئونمىڭ ياپونيە يىنى (تەخمىنەن 600يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) باھا قويۇلغان ھەمدە ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئۈزۈم سورتى دەپ تەرىپلەنگەن. ئارىدىن 10يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ قىممىتى ئىزچىل تۈردە ئېشىپ، جەمئى 26دانە چىقىدىغان بىر ساپ ئۈزۈمنىڭ باھاسى، بۈگۈنكى كۈندىكى بىر مىليۇن بىر يۈزمىڭ ياپونيە يىنىغا(تەخمىنەن 70مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) ئۆرلىگەن.
   ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر ساپ ئۈزۈم، چوقۇم ئىنتايىن يۇقىرى بولغان تەلەپ ئۆلچەمنى قانائەتلەندۈرگەن ۋاقىتتا، ئاندىن رۇم ياقۇتى ئۈزۈمى دېگەن ئاتاققا ئېرىشەلەيدۇ. ھەربىر دانە ئۈزۈمنىڭ ئېغىرلىقى، ئاز دېگەندىمۇ 20گىرامدىن ئارتۇق بولۇشى، شىكەر مىقدارى ئاز دېگەندە %18دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك؛ تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى يەنە بىر ئۆلچەم بولسا، ھەربىر دانە ئۈزۈمنىڭ ئېغىرلىقى 30گىرامدىن ئارتۇق بولۇشى، ھەربىر ساپ ئۈزۈمنىڭ ئېغىرلىقى 700گىرامدىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك.
   ھەقىقى رۇم ياقۇتىنى، بازاردا تېپىپ سېتىۋىلىش ئىنتايىن تەس؛ ئاساسى جەھەتتىن كىم  ئاشتى قىلىپ سېتىشقا قاتنىشىش ئارقىلىق ئاندىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ تور بىكىتىنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇم ياقۇتى ئۈزۈمىنىڭ چۈچۈمەللىك دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن، شىكەر ۋە مىۋە شەربىتى مىقدارى بولسا ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号