ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەر يولداشلار دىققەت: تالاغا قاراش ئەرزىمەيدىغان بىر ئىش
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
   جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر تالاغا قاراش قىلمىشى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر ھادىسىگە ئايلىنىپ قالدى. تالاغا قاراش قىلمىشىغا قارىتا، جىسمانى جەھەتتىن تالاغا قاراش بىچارە ھىسابلانمايدۇ، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن تالاغا قارىغانلار، ئاخىرىدا ئۆز بېشىنى ئۆزى يەيدۇ. ئادەتتە، ئەركىشى تالاغا قارىسا، تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەتتىن قۇتۇلالمايدۇ.
ئەھمىيىتى بولمىغان مۇرادىغا يىتىش
   كۆپ قىسىم ئاشنا تۇتىۋالغان ئەرلەرنىڭ ئاقىۋىتى، ئاشكارىلىنىپ قېلىش بولۇپ، ئايالى بىلىپ قالغاندىن كىيىن، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ، ئاخىرىدا ئاجرىشىپ كىتىش يولىغا ماڭىدۇ. ئەگەر ئەرنىڭ ئاشنىسى بويتاق بولسا، ئەركىشى ئاشنىسى بىلەن توي قىلىشنى تاللايدۇ، ئايالىمۇ بەلكىم باشقا بىرسىنى تېپىپ، ھاياتلىق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن. بىراق، ئارىلىقتىكى بالا، ئەسلىدىكى بىر ئائىلە خۇشاللىقىنى يوقىتىپ، ئاخىرىدا ئەڭ چوڭ ئازاپقا ئۇچرىغۇچىغا ئايلىنىدۇ. لىكىن، بۇ خىل نەتىجە، ھەر ھالدا نىسبەتەن ياخشىراق نەتىجە ھىسابلىنىدۇ.
تەلىيى قېچىپ بويتاق قېلىش
    ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلىسى بار بولسا، تالاغا قاراش قىلمىشى ئاشكارىلىنىپ چىققاندىن كىيىن، ئارىدىكى بىرتەرەپ ئاجرىشىپ كىتىشنى تاللاپ، يەنە بىر تەرەپ بولسا خاتالىقىنى تۇنۇپ، ئاجراشماستىن ئەسلىدىكى توي مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللىسا، ئۇنداقتا ئاجرىشىپ كىتىشنى تاللىغان تەرەپ، بىراقلا ھەممىدىن قۇرۇق قېلىپ، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىدۇ. ئەمما، توي مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كىتىشنى تاللىغان تەرەپتىكى ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدىمۇ، ئەسلىگە كەلمىكى تەس بولغان ئىزنالار قېلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىيىنلىك تۇرمۇشىغا بەلگىلىك يۇشۇرۇن خەۋپ قالدۇرىدۇ. لېكىن، بۇمۇ ئەڭ ناچار نەتىجە ھىسابلانمايدۇ.
ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش
   نۇرغۇنلىغان ئۈچىنچى شەخىسلەرنىڭ ئائىلىسى بار ئەركىشى بىلەن بىرگە بولۇشنى تاللىشى، پۇل ئۈچۈن بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلار ئىرىشكەن بايلىقى بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندىن كىيىن، ئەردىن ئايرىلىپ كىتىشنى تاللايدۇ. ئەر كىشى بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدىمۇ، ئەركىشىنىڭ ئائىلىسىگە تەسىر يەتكۈزۈشنى ئويلاشمايدۇ، پەقەت خەجلىگىلى يەتكۈدەك پۇل بولسىلا بولدى دەپ قارايدۇ. ئەركىشى بولسا بۇ جەرياندا فىزىلوگىيىلىك ئىھتىياجىنى قوغلىشىدىغان بولغاچقا، بۇ بىر بۆلەك مۇناسىۋەت، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئايال كىشىنىڭ پۇلى يىتەرلىك بولۇپ بولغان ۋاقىتتا، مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش تەبىئىيلا ئاخىرقى نەتىجىگە ئايلىنىدۇ. بىراق، بۇ خىلدىكى ئەرلەر توختىماستىن ئاشنا ئىزدەيدىغان بولۇپ، بىرسى كىتىپ قالسا يەنە بىرنى ئىزدەيدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ قىلمىشى ھامان بىر كۈنى ئاشكارىلىنىپ چىقماي قالمايدۇ.
قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈش
   ئەركىشى ئاشنا تۇتىۋىلىپ ئايالى تەرپىدىن بايقىلىپ قالغاندىن كىيىن، ئەگەر ئايالى ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسىدا بولۇپ، ئۇمۇ تالاغا قاراشنى تاللىسا، ئۇنداقتا ئائىلە ۋەزىيىتى مۇرەككەپلىشىپ قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ. ئەركىشى ئۆزىنىڭ قىلغىنىنى ئۇنتۇپ، ئايالىدىن نارازى بولۇشقا باشلايدۇ؛ ئەمما، ھازىرقى جەمئىيەتتە ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى ئاساس قىلىنىدۇ، قارشى تەرەپنى ئەيىبلەشتىن ئاۋال، ئۆزىڭىزنىڭ قىلمىشلىرىڭىزنى ئويلاپ كۆرمىسىڭىز بولمايدۇ، بىر تەرەپلىمە ھالدا ئايال كىشىنى ئەيىبلەش تەڭسىزلىك بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئەر كىشىنىڭ ئاشنىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ يامانلىشىقا قاراپ ئۆزگىرىپ، ئەركىشى ئاخىرىدا، ئۆزى يالغۇز ئېچىنىشلىق ھالغا قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号