ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ئوخشىمايدۇ. ئۇنداقتا، قانداق ئاياللار ئەركىشىنىڭ كۆڭۈل تارىنى چىكەلەيدۇ؟ ئەرلەر قانداق ئاياللارنى ئىزچىل تۈردە كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ؟
   نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ قەلبىدە، ئىزچىل تۈردە ئۇنتىيالمىغان ئادىمى بار؛ ئۇ بەلكىم ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرىكى ئادەم بولۇشى، ياكى يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئادەم بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئايال كىشى، خۇددى ئەر كىشىنىڭ قەلبىدىكى نۇرغا ئوخشايدۇ؛ چۈنكى، ئۇ نۇرغا ئوخشاش تۇتقىلى ۋە قۇچاقلىغىلى بولمايدىغان كىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلار تەبىئىيلا ئۇ ئايال كىشىنى ئىسىدىن چىقىرالماي قالىدۇ؛ چۈنكى، ئادەمنىڭ ئىزچىل تۈردە ئويلايدىغىنى ھەم ئۇنتۇپ كىتەلمەيدىغىنى، ئاشۇنداق ئىرىشەلمىگەن ئادەم ۋە نەرسىلەر بولىدۇ.
   ئىرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە ئەسلەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئاياللار ئەزەلدىن ئۇلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ قويمايدۇ؛ شۇڭا ئەرلەر بۇنداق ئايال كىشىنى ناھايىتى ياخشى ھىس قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ھالىتىنى كۆڭلىدىكى ئەڭ گۈزەل ھالەتنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالىدۇ. ئەركىشىنىڭ قەلبىدىكى ئايال كىشى، ئۇنتۇپ كىتەلمىگەن ئۇ ئايال كىشىنى تۇنجى كۆرگەن ۋاقىتتىكى ھالىتى بولۇپ، ئەگەر ئۇنتۇپ كىتەلمىگەن ئۇ ئايالنى ياش ۋاقتىدا ئۇچراتقان بولسا، ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل ھالىتىنى ئىزچىل تۈردە كۆڭلىدە ساقلايدۇ.
   ئەركىشى ئۇ ئايال كىشىنى ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئىرىشەلمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ ھالىتىنى قەلبىدە مۇقىملاشتۇرۋالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەركىشىنىڭ قەلبىدىكى ھالىتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. خۇددى بىز ئادەتتە، ئەرلەر تۇنجى مۇھەببىتىنى ئۇنتۇپ كىتەلمەيدۇ دىگەنگە ئوخشاش، ئەركىشىدە تۇنجى مۇھەببىتىگە قارىتا، بىز بايام تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنگە ئوخشاش ئالاھىدە بىر خىل ھىسيات بار بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەركىشى تۇنجى مۇھەببىتىنى دائىم كۆرەلمەيدۇ ھەم كۆرىمەن دەپمۇ خالىغانچە كۆرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار تۇنجى مۇھەببىتىنى ئۇنتۇپ كىتەلمەيدۇ.
   ئەرلەردە كۆپىنچە بىر خىل كەڭ قوساقلىق بار بولۇپ، ئايال كىشىنىڭ ياخشى مۇئامىلىسى سەۋەپلىك ئۇلارنى ئىزچىل ئىسىدە ساقلايدۇ؛ ئايال كىشىنىڭ ئوماقلىقى سەۋەپلىك ئۇنى ئىزچىل كۆڭلىدە ساقلايدۇ. ئەگەر ئەركىشىنىڭ ھازىر باشقا بىر ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بار بولغان بولسا، ئۇ كۆز ئالدىدىكى بۇ ئايال بىلەن كۈن ئۆتكۈزمىسە بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ، لىكىن قەلبىدىكى ئۇ ئايالنى يەنىلا ئىزچىل تۈردە كۆڭلىدە ئەسلىمە قىلىپ ساقلايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号