ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
مايدا داغلانغان تۇرۇپ كۇمىلىچى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئادەتتە گۆش كۇمىلىچىدىن باشقا، كۆكتاتتىن تەييارلانغان كۇمىلاچلارمۇ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئىرىشىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان مايدا داغلانغان تۇرۇپ كۇمىلىچى، تېشى چۈرۈك ئىچى يۇمشاق بولۇپ، تۇرۇپنىڭ ئەسلىدىكى قاڭسىق تەمى يوقاپ ئىنتايىن تەملىك بولىدۇ.
   كىتەرلىك ماتىريال: سەۋزە، ئاق تۇرۇپ، ئۇن، پىنتوزا، تۇخۇم، غولپىياز
   كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىريالى: سۇ، ئىستىمال مېيى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، قارىمۇچ، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەم
   يىمەكلىك ماتىرياللىرىنى تۇزلايمىز. چوڭ داستىن بىرنى تەييارلاپ، سەۋزە بىلەن تۇرۇپنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن سۈيىنى پاكىز ساقىتىۋىتىپ، قەلەمچە ھالىتىدە توغراپ داسقا سالىمىز؛ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىمۇ داسقا سالىمىز. داستىكى ماتىرياللارنى تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېپىپ ئارىلاشتۇرۇپ، 30مىنۇت تۇزلايمىز.
ئىككىنچى قەدەم
   قازان ئېسىپ سۇ قاينىتىپ، پىنتوزىنى سېلىپ قاينىتىپ، پىنتوزا يۇمشاپ پىشقاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىپ ئۇششاق توغرايمىز ھەمدە داستىكى سەۋزە، تۇرۇپقا قوشىۋىتىمىز.
ئۈچىنچى قەدەم
   داستىكى تۇزلانغان يىمەكلىك ماتىرياللىرىنىڭ سۈي چىققاندىن كىيىن، ئۈستىگە تۇخۇمدىن بىرنى چېقىپ، بىرلا ۋاقىتتا مۇۋاپىق قارىمۇچ ۋە بىر قوشۇق شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەم كىرگۈزىمىز.
تۆتىنچى قەدەم
   30مىنۇت توشقاندىن كىيىن، داستىكى "قىيما"غا 200گىرام ئۇن قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يېپىشقاق ھالەتكە ئەكىلىمىز؛ بۇ جەرياندا سۇ قوشمايمىز.
بەشىنچى قەدەم
   قازاننى ئېسىپ ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، داستا تەييارلىغان "قىيما"نى قولىمىزدا سىقىپ كۇمىلاچ ھالىتىگە ئەكەلگەندىن كىيىن، قازاندىكى مايغا سېلىپ داغلايمىز؛ كۇمىلاچنى قازانغا تاشلىغاندىن كىيىن ئۇنى ئاۋال مىدىرلاتمايمىز، ئۇ داغلىنىپ قاتقاندىن كىيىن، ئاندىن ئۆرۈپ چۆرۈپ قويساق بولىدۇ؛ كۇمىلاچ داغلىنىپ سىرتقى يۈزى سېرىق ئالتۇن رەڭگىگە كىرگەندە سۈزۈپ ئېلىپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
   قانداقراق، بۇ خىل داغلانغان كۇمىلاچ، قارىماققىلا تەملىك ھەم ئىشتىھانى ئاچىدىغان كۆرۈنەمدىكەن؟

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号