ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تاماقتىن كىيىن سەيلە قىلىش ھەممىلا ئادەمگە ماس كىلىۋەرمەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كىشىلەر ئارىسىدا، "تاماقتىن كىيىن مېڭىپ بەرسە، 99ياشقا كىرگۈچە ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ" دىگەن قاراش بار بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، تاماقتىن كىيىن سەيلە قىلىشنىڭ ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا بەلگىلىك پايدىسى بار. بىراق، تاماقتىن كىيىن سەيلە قىلىش، ھەممىلا ئادەمگە ماس كىلىۋەرمەيدۇ؛ بەزى كىشىلەر دىققەت قىلمىغاندا، ئەكسىچە كىسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاشقازان ئورنى تۆۋەنلەپ كەتكەن بىمارلار
   بۇ خىلدىكى كىشىلەر تاماقتىن كىيىش سەيلە قىلىشقا بولمايلا قالماي، ئۇلار تاماقتىن كىيىن يەنە بىردە جىم تۇرۋىلىشى كىرەك. چۈنكى، تاماقتىن كىيىن ئاشقازان يىمەكلىك بىلەن تولىدىغان بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر كۆپ ھەرىكەت قىلسا، ئاشقازاننىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋىتىدۇ.
يۈرەك سانجىقى بارلار
   يۈرەك سانجىقى بىمارلىرى، تاماقنى يەپ بولۇپ بىر سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن سەيلە قىلسا بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەيلە قىلغاندىمۇ بەك تىز مېڭىۋەتمەسلىك كىرەك. چۈنكى، مېڭىشى بەك تىز بولۇپ كەتسە، يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى قوزغىتىپ قويۇش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
قان ئازلىق كىسىلى بارلار
   تاماقتىن كىيىن ئاشقازان يىمەكلىكنى ھەزىم قىلىش خىزمىتىنى باشلايدىغان بولغاچقا، بەدەندىكى كۆپ قىسىم قان سۇيۇقلۇقلىرى ئاشقازان قىسىمغا يېغىلىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئەگەر سىرتقا چىقىپ سەيلى قىلغاندا، ئادەمدە ئاسانلا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك، باش قېيىش ھەتتا ھۇشىدىن كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قان ئازىلىق كىسىلى بار بىمارلار، ئەڭ ياخشىسى سەھەر ۋاقتىدا سەيلە قىلىپ ئادەتلىنىشى كىرەك.
ئاستا خارەكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى بار بىمارلار
   بۇ خىلدىكى كىشىلەر تاماقتىن كىيىنلا سەيلە قىلسا، ئاسانلا كىسىلىنى قوزغىتىپ قويىدۇ. چۈنكى، سەيلە قىلىش ئاشقازاننىڭ قىمىرلىشىنى تىزلىتىدىغان بولۇپ، ئاشقازاندە ھەزىم قىلىنىۋاتقان يىمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازان دىۋارىنى غىدىقلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسىنىڭ ئەسلىگە كىلىش ھالىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۋىتىدۇ.

تاماقتىن كىيىنلا تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ
تاماق يەپ بولۇپلا مىۋە-چىۋە يىيىشكە بولمايدۇ
   كەچلىك تاماق يەپ بولۇپ كەينىدىنلا ئۇلاپ مىۋە-چىۋە يىسە، ھەزىم قىلىشقا تەسىر يىتىدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئاشقازاندىكى يىمەكلىك، 2-1سائەتتىن كىيىن ئاندىن ھەزىم قىلىنىپ چىقىرىلىدىغان بولغاچقا، تاماقتىن كىيىنلا مىۋە-چىۋە يىگەندە، نورمال ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تاماق يەپ بولۇپ كەينىدىنلا قېنىق چاي ئىچىشكە بولمايدۇ
   چاي تەركىبىدە تاننىك كىسلاتا بار، ئەگەر تاماقتىن كىيىن ئۇلاپلا قېنىق چاي ئىچسەك، چاي تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتا ئاقسىللار بىلەن رىئاكسىيەلىشىپ چۆكمە ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا، ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزۈپ، قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلىغىلى يېتىشقا بولمايدۇ
   تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلىغىلى يېتىش، ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋىتىدۇ. ئادەتتە، ئەڭ ياخشىسى تاماق يەپ بولۇپ 4-2سائەتتىن كىيىن ئاندىن ئۇخلاش كىرەك. بۇ ۋاقىتتا يىمەكلىك ئاساسى جەھەتتىن ھەزىم قىلىنىپ بولغان بولۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ھەمدە قوساق كۆپۈپ ئىسىلىش تۇيغۇسىمۇ بولمايدۇ.
تاماق يەپ بولۇپ  كەينىدىنلا سۇ ئىچىش
   تاماقتىن كىيىن ئۇلاپلا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچسەك، ئاشقازان كىسلاتاسى سۇيۇقلىنىپ كىتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ كىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يىمەكلىك بىۋاستە كىچىك ئۈچەيگە ئۆتۈپ كىتىپ، ساغلاملىققا تەسىر يىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号