ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تەبىئىي ئۇيقۇ دورىسى، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەنگە ماس كىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىرقى زامان تۇرمۇش رېتىمى بارغانسىرى تىزلىشىپ، كىشىلەرنىڭ روھى بېسىمى بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولغاچقا، ئاز بولمىغان كىشىلەر كىچىسى ئۇيقۇسى قېچىشنىڭ دەردىنى تارتماقتا. بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان يىمەكلىك، "تەبىئى ئۇيقۇ دورىسى" دەپ نام ئالغان نىلوپەر ئۇرۇقى بولۇپ، تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىكرو ئىلمىنتلار مول؛ بۇ سەۋەپلىك، كۈندە ئازراقتىن نىلوپەر ئۇرۇقى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، جىددى كەيپىياتنى ئۈنۈملۈك ھالدا تەڭشەپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىنى پەسەيتىش، مىڭىنى تىنچلاندۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ. نىلوپەر ئۇرۇقىنى قانداق ئىستىمال قىلىشقا كەلسەك، ئەڭ ئاددى بولغان ئۇسۇل، ئاق قېرىنقولاق نىلوپەر ئۇرۇقى ئۇيۇتمىسى قاينىتىپ ئىچىشتۇر.
   كىتەرلىك ماتىريال: ئاق قېرىنقولاق، ئالقات، نىلوپەر ئۇرۇقى، ناۋات
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. نىلوپەر ئۇرۇقى بىلەن ئالقاتنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، سۇغا بىر سائەت چىلاپ قويىمىز.
   2. ئاق قېرىنقولاقنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن قولىمىزدا تىتىپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييار قىلىپ قويىمىز.
   3. ئاق قېرىنقولاق، نىلوپەر ئۇرۇقى ۋە ئالقات قاتارلىقلارنى قازانغا سېلىپ، يىتەرلىك تۈردە سۇ قۇيىمىز.
   4. چوڭ ئوتتا قازاننى قايناتقاندىن كىيىن، تۇۋاقنى يېپىپ كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، بىر سائەت قاينىتىمىز.
   5. ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ناۋاتنى سېلىپ، ناۋات پۈتۈنلەي ئىرىپ بولغان ۋاقىتتا ئوتنى ئۆچۈرسەك بولىدۇ.
   6. بۇ ۋاقىتتا بوتقىنى چىنىگە ئۇسۇپ ئالساقلا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
   7. چوڭ كىچىك ھەممەيلەنگە ماس كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号