ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كۈزدىكى بەش گۆھەر، تەن ساغلاملىقىڭىزنىڭ كاپالىتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تاۋۇز چاغىنى، ھاۋا كىلىماتنىڭ ئالمىشىش نوقتىسى بولۇپ، تاۋۇز چاغىنىدىن كىيىنلا، ھاۋا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە سۇۋۇشقا باشلايدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تىمپىراتۇرا پەرقى چوڭىيىپ، ئادەمنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەيدۇ ھەمدە ئاسانلا زۇكامداپ ھۆتىلىپ قالىدۇ.
   بۇندىن باشقا، بەزى كىشىلەردە گېلى قۇرۇيدىغان، تىرىسى قۇرغاقلىشىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ ياكى ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت قاتارلىق ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارى بىنورماللىشىش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە ئاي توقاچ يىيىش بىلەنلا قالماي، تۆۋەندىكى نەچچە خىل يىمەكلىكنىمۇ مۇۋاپىق تۈردە ئىستىمال قىلىش كىرەك.
نىلوپەر غولى—قېرىشقا قارشى تۇرۇش شاھى
   نىلوپەرغولى، شەرق كۆكتات شاھى دەپ تەرپلىنىدىغان بولۇپ، تەركىبىدە فىنول تۈرىدىكى ماددىلار مول بولغاچقا، ئادەمنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى كۆرسىتەلەيدۇ. بۇندىن باشقا، نىلوپەر غولىنى پىشۇرغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ تەبىئىتى سۇغۇقتىن مۆتىدىلگە ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، ئاشقازان ۋە ئۆتكە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە مۇئەننەسنى قۇۋۋەتلەپ قاننى جانلاندۇرۇش، ئاشقازاننى ياخشىلا ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
كاۋا—ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ
   دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبى رايونلىرىدا، تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە كاۋا يەيدىغان ئەنئەنە بەر بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئاساسەن، ھەر يىلى تاۋاز چاغىنى مەزگىلىدە، بۇ رايوندىكى كىشىلەر كاۋا بىلەن نومى گۈرۈچىدىن تائام تەييارلاپ ئىستىمال قىلىدۇ.
  جۇڭگۇ تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، كاۋىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار؛ ھازىرقى زامان تىبابىتىدىن قارىغاندا بولسا، كاۋىنىڭ بۇنداق ئۈنۈم كۆرسىتىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ تەركىبىدە پىكتىن مول بولغانلىقىدىن بولىدۇ. قۇرغاق بولغان كۈز كۈنلىرىدە، پىكتىن تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى يەپ بەرسەك، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
تۈكلۈك پۇرچاق—ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ
   تۈكلۈك پۇرچاق تەركىبىدىكى لېتسېتىن، چوڭ مىڭىنىڭ يىتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ۋە ئەقلى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. بىراق دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، تۈكلۈك پۇرچاقنى چوقۇم پىشۇرۇپ ئاندىن ئىستىمال قىلىش كىرەك؛ سېرىق پۇرچاق رىئاكسىيە بىرىدىغانلار بولسا، تۈكلۈك پۇرچاق ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك.
ئۆردەك گۆشى—مۇئەننەسنى قۇۋۋەتلەيدۇ
   كۈز پەسلى، ئۆردەكلەر تازا سەمىرىپ تەييار بولىدىغان پەسىل بولۇپ، يىڭى ئۆردەك گۆشىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئۇزۇقلۇق قىممىتى بار. ئۆردەك گۆشىنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق بولۇپ، مۇئەننەسنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازاننى ياخشىلاش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئىششىق ياندۇرۇش قاتارلىق روللىرى بار.
ئانار—قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىدۇ
   ئانار، كۈزلۈك مىۋىلەر شاھى بولۇپ، تەركىبىدە ئىپتىدائى سىئانىن مول، بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان فىنول تۈرىدىكى ماددىلار بار؛ تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئانار تەركىبىدىكى فىنول مىقدارى، ھەتتا قىزىل ئۈزۈم ھارىقىنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىكەن. بۇ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار، بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنىڭ تىرىگە بولغان زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىشىنى توسۇپلا قالماي، يەنە تېخى قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىش، ئارتىرىيە تۇمۇرى قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号