ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان دىئاگونوزى قويۇلغان ئايال تۆتكىزەك تۇغدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-28 كۆرۈلىشى : قېتىم

   28ياشلىق كىندال.ماكدونالد، يىڭى زىللاندىيەنىڭ دىمالۇدىن بولۇپ، ھازىر ئۇ بەش بالىغا ئانا بولدى: تۆت ياشلىق چوڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ تۆتكىزەك ئىنىلىرى. بەش  بالىسى ھازىر، ئۇنى ئۆيدە قەتئى زىرىكتۈرمەيدۇ.
   تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، كىندال ئون نەچچە ياش ۋاقتىدا، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەلىتە ئورۇنلىشىپ قېلىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگونوز قويۇلغان؛ بىراق، ئۇنىڭ بۇ بەش بالىسىنىڭ ھەممىسى تەبىئى ھامىلدار بولۇپ تۇغقان بالىلار، ھازىر تۆتكىزەك بوۋاقمۇ بىر ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بولدى.
   كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئونۋىرسال كىسەللىكى(PCOS)، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ھەم مۇرەككەپ كەلگەن، ئىچكى ئاجرالما ۋە مىتابولىزىمنىڭ بىنورماللىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئاستا خارەكتىرلىك تۇخۇم ئىشلەپ چىقارماسلىق(تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىش) ۋە يۇقىرى ئەرلىك ھورمۇنلۇق قان كىسىلىنى(ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئەرلىك ھورمۇنى زىيادە ئېشىپ كىتىش) ئالاھىدىلىك قىلغان؛ بۇ كىسەللىكنىڭ ئاساسلىق كىلىنكىلىق ئىپادىسى، ھەيىز مەزگىلى قانۇنىيەتسىز بولۇش، تۇغماسلىق، تۈك-مويلار كۆپىيىپ كىتىش ياكى دانىخورەك كۆپ چىقىش قاتارلىقلار بولۇپ، ئاياللاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىچكى ئاجرالما كىسەللىكىدۇر.
   كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئونۋىرسال كىسەللىكى(PCOS)، كۆپىنچە جەمەت توپى ئىچىدە مەركەزلىشىپ كۆرۈلۈش ھادىسىسىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئىرسىيە ئامىلىنىڭ تەسىرى بارلىقى ھەققىدە كۆرسەتمە بىرىدۇ. ئادەتتە، بىمارنىڭ ئوخشاشلا ھەيىز دەۋرى قانۇنىيەتسىز بولغان ئانىسى ياكى بالدۇرلا چېچى چۈشۈپ پەينەك بولۇپ قالغان دادىسى بار بولىدۇ؛ چېچى بالدۇر چۈشۈپ پەينەك بولۇپ قېلىش، PCOSنىڭ ئەرلەردىكى ئىپادىسى بولۇپ، ئاياللاردىكى PCOSبىلەن ئەرلەردىكى چېچى بالدۇر چۈشۈپ كىتىش، ئوخشاش بىر ئورۇندىكى گېن تەرپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇشى مۇمكىن. يۇقىرى ئەرلىك ھورمۇنلۇق قان كىسىلى ۋە يۇقىرى ئىنسۇلىنلىق قان كىسىلى بولسا، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئونۋىرسال كىسەللىكى بىمارلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئوخشاش كىسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىكى ئىرسىيە ئالاھىدىلىكى بولۇشى مۇمكىن. ئوخشاش بولمىغان دىئاگونوز قويۇش ئۆلچىمى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئائىلە ئەزالىرى ئانالىز تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، PCOSنىڭ ئىرسىيەت قېلىش ئۇسۇلى، دائىملىق خروموسوم ئاشكارە تىپتىكى ئىرسىيەت قېلىش بولىدىكەن؛ ئەمما يەنە بىر خىل تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، PCOS كىسىلى، ئاساسى گېننىڭ ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىقىدىكەن ھەمدە كىيىنكى ئەۋلادىغا ئىرسىيەت قېلىش نىسبىتى %50گە يىتىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号