ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ھەرگىز يۇۋاش ئادەمگە ياتلىق بولماڭ، چارچاپ كىتىسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئەسكى ئادەملەر بار. شۇڭا كۆپ قىسىم ئاياللار، يۇۋاش ئادەمگە ياتلىق بولغان ياخشى دەپ قارايدۇ. بىراق، ھەرقانداق ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بار بولۇپ، يۇۋاش بىر ئادەمگە ياتلىق بولۇش، ھەقىقەتەنمۇ يامان ئەركىشىگە ياتلىق بولغانغا قارىغاندا ئوڭۇشلۇقراق بولۇپ، سىز بەلكىم بۇنىڭدا مىنىڭ كىيىنلىك ھاياتىم ئاددى بولسىمۇ ئەمما بەخىتلىك ئۆتىدىغان بولدى دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، راستىنلا يۇۋاش ئادەمگە ياتلىق بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى  بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، ئاندىن ئەينى ۋاقىتتىكى تاللىشىڭىزنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.
    ئىرىدىن ئاجراشقان بىر ئايال كىشى ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزىنى ئېيتىپ، كۆپچىلىككە "ھەرقانداق ئادەمگە ياتلىق بولسىڭىز مەيلى، ئەمما يۇۋاش ئادەمگە ياتلىق بولماڭ، بولمىسا بەك چارچاپ كىتىسىز" دەپ تەكلىپ بەرگەن. ئۇ ئايالنىڭ دىيىشىچە، ئايال كىشى ئەسلىدە، توي تۇرمۇشى ئىچىدە قوغىدىلىشقا ئىرىشىدىغان بىر قولتۇققا ئىرىشەلەيمەن دەپ ئويلايدىغان بولۇپ، بىراق ئەگەر، يۇۋاش بىر ئەركىشىگە ياتلىق بولۇپ قالسا، ئايال كىشىدە "كۈچلۈك ئايال" بولۇپ ئۆزگىرىشتىن باشقا يول قالمايدىكەن، بولمىسا تۇرمۇشنى قامداش تەسكە توختايدىكەن.
يۇۋاش كىشىلەر مىجەزى يۇمشاق ھەم قورقۇنچاق بولۇپ، ئۆزىنى قوغدىيالمايدۇ
   يۇۋاش ئەركىشى سىزگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن "يۇۋاش" بولۇپ، يالغان گەپ قىلىپ سىزنى ئالداي دىمەيدۇ؛ بىراق، ئۇلارنىڭ مىجەزى يۇمشاق ھەم ئاجىز بولۇپ، ئۆزىنى قوغدىيالمايدۇ، سىزنى قوغدىيالىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بىر بۆلەك توي تۇرمۇشىدا، ئايال كىشى كۆپىنچە ئاجىز تەرەپ ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئىرىنىڭ قوغدىشىغا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بىراق، يۇۋاش ئەرلەر بۇ نوقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ.
   بۇ خىل يۇۋاش ئەرلەر، ئاق كۆڭۈل كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا چوڭ مەسىلە چىقمايدۇ؛ بىراق ئەگەر ئەسكى، يامان ئادەمگە ئۇچراپ قالسا، ئۇلار نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي زىيان تارتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئايال كىشى ئالدىغا چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئايال كىشى ھارغىنلىق ھىس قىلىپ كىتىدۇ.
يۇۋاش كىشىلەر تالىشىپ قولغا كەلتۈرۈشنى بىلمىگەچكە، ئالغا بېسىشى تەسكە توختايدۇ
   ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈرىدە، ھەقىقى بىر ياخشى پۇرسەتلەرنى ئۇچرىتالىشى كۆپ بولمايدۇ، شۇڭا ئادەم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى ئۆگىنىپ، كىشىلىك ھاياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا كۆتۈرۈشكە تىرىشىشى كىرەك. بىراق، پۇرسەت ئىنتايىن ئاز، ئەمما پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغانلار ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، بۇنداق ئەھۋالدا تالىشىپ قولغا كەلتۈرۈشنى بىلىش كىرەك.
   ئەمما يۇۋاش كىشىلەردە تالىشىپ قولغا كەلتۈرۈش ئىدىيىسىي يوق بولۇپ، ھەمىشە باشقىلار ئۈچۈن ئويلىشىشقا ئادەتلەنگەن بولغاچقا، پۇرسەت غەنىمەت، شۇڭا باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بىرەي دەپ ئويلايدۇ. بۇ سەۋەپلىك، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، باشقىلار باياشات تۇرمۇشقا ئۇلىشىدۇ، يۇۋاش ئادەم بولسا ئەسلى ھالىتىدە قېلىپ قېلىۋىرىدۇ.
   پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى بىلمەيدىغان يۇۋاش ئادەملەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى تەسكە توختايدۇ. ئىقتىسادى ئاساس بەلكىم ئەڭ مۇھىم بولماسلىقى مۇمكىن، بىراق ئەڭ مۇھىمىنىڭ بىر تەركىبى قىسمىدۇر. ئەگەر بەلگىلىك ئىقتىسادى ئاساس بولمىسا، ھەتتا پەرزەنتىمىزنى ياخشى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇشتىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
بىر ئىشلاردا لىڭتاسمىلىق قىلىپ ئىككىلىنىدۇ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھى بولمايدۇ
   ئادەم ئۆمرىدە، ھامان بەزىبىر ئىسسىق-سۇغۇقلارنى باشتىن كەچۈرىدىغان بولۇپ، بەزىبىر ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە، بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز ئەمىلىيەتتە دو تىكىش بولىدۇ. بىراق، يۇۋاش ئادەملەر بۇ داۋلىنى چۈشەنمەيدىغان بولۇپ، ئۇلار بىر ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە لىڭتاسمىلىق قىلىپ ئىككىلىنىدۇ، ئۇلاردا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھى بولمايدۇ.
   شۇڭلاشقا، يۇۋاش ئادەملەر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھى بولمىغانلىقتىن، ئۆزىنى تىز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئامالسىز قالىدۇ. ئەگەر بىر ئەركىشى ئۆزىنىڭ قاتلىمى ۋە ئەندىزىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى بىلمىسە، ئۇنداقتا ئەر-خوتۇن ئارىسىدا چوقۇم قىممەت قارىشى پەرقى شەكىللىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا، جىدەل-ماجرادىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
   تويلىشىش، ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىش؛ شۇڭا، تويلىشىش ئوبىكتىنى تاللىغان ۋاقىتتا، باشقىلارنىڭ بىر ئىككى ئېغىز گېپىگە تايىنىپلا قايسى خىل ئادەمگە ياتلىق بولۇشنى تاللىۋىلىشقا بولمايدۇ. مەيلى قايسى خىل تىپتىكى ئادەم بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يىتەرسىزلىكلىرى بار بولۇپ، پايدا-زىيىنىنى ۋە ياخشى-يامىنىنى ئوبدان دەڭسەپ كۆرگەندە، ئاندىن توغرا تاللاش قىلغىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号