ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
گۈرۈچنىڭ قوساق تويغۇزۇشتىن باشقا ئىشلىتىلىشى بارلىقىنى بىلەمسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   گۈرۈچ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان يىمەكلىك ماتىريالىنىڭ بىرى؛ بىز گۈرۈچتىن ھەرخىل تائاملارنى تەييارلاپ ئىستىمال قىلىمىز. بىراق، گۈرۈچنىڭ يەنە باشقا رولىمۇ بار بولۇپ، تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، گۈرۈچنىڭ تۇرمۇشتىكى باش ئىشلىتىلىش ئۇسۇللىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
گۈرۈچتە تۇخۇم ساقلاش
   بىز تۇخۇمنىڭ چوڭ بېشىنى ئۈستىگە، كىچىك بېشىنى ئاستىغا قارىتىپ گۈرۈچنىڭ ئارىسىغا پاتۇرۇپ قويساق، تۇخۇم شاكىلىدىكى مىكرو يېرىقچىلارنى ئۈنۈملۈك ھالدا توسۇپ، باكتىرىيە ۋىرۇسلارنىڭ تۇخۇمنىڭ ئىچىگە كىرىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇنى شامال ئۆتىشىدىغان قۇرغاق جايغا قويۇپ قويساق، بۇ ئۇسۇلدا ساقلانغان تۇخۇم، يېرىم يىلغىچىمۇ بۇزۇلۇپ قالمايدۇ.
داتلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
   قايچىنى ئىشلەتكەنسىرى خوراش كۆرىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۇغا تىگىپ قالغاندىن كىيىن ئاسانلا داتلىشىپ قالىدۇ. ئەگەر بىز قايچىنى گۈرۈچنىڭ ئارىسىغا تىقىپ قويساق، گۈرۈچ، قايچا بىلەن ھاۋانىڭ ئۇچرىشىشىنى توسۇپ، قايچىنىڭ داتلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
يانفونغا سۇ كىرىپ كەتكەندە جىددى بىتەرەپ قىلىش
   ئەگەر بىزنىڭ يانفونىمىز ئىھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتسە، بىز يانفوننىڭ يۈز قىسمىدىكى سۇنى پاكىزە سۈرتىۋىتىپ، يانفوننى گۈرۈچنىڭ ئارىسىغا تىقىپ بىر ئاخشام قويۇپ قويساق، يانفوننى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ. گۈرۈچ ئىنتايىن قۇرغاق بولۇپ، ئۇ يانفوننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۇ تەركىبلىرىنى پاكىزە سۈمۈرۋالىدۇ.
نەملىك يوقىتىش خالتىسى
   بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان ماسكىدىن بىرنى تەييارلاپ، ئۇنىڭ بىر ئۇچىنى كىسىۋەتسەك، كىچىك خالتىدىن بىرسى ياسىلىدۇ؛ بىز ماسكىدىن ياسالغان خالىتىنىڭ ئىچىگە بىر سىقىم گۈرۈچنى سېلىپ، ماسكىنىڭ ئېغىزىنى چىڭ ئىتىۋەتسەك، نەملىك يوقىتىش خالتىسى تەييار بولىدۇ. نەمخۇش ھاۋاغا يولۇققان ۋاقىتتا، بىز نەملىك يوقىتىش خالىتىسىنى كىيىم ئىشكابىغا سېلىپ قويساق، كىيىملەرنىڭ نەم تارتىپ كۆكىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. بۇندىن باشقا، بۇ خىل نەملىك خالتىسىنى ئاياغنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويساق، ئاياغدىكى غەلىتە پۇراقنىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا سۈمۈرۈپ يوقىتالايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号