ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلسە
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بىر كۈنلۈك ئىش سەھەردىن باشلىنىدۇ. ئوخشاشلا، بىزنىڭ ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغان ۋاقىتتىكى روھى ھالىتىمىزمۇ، بىزنىڭ تەن ساغلاملىق ئەھۋالىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ. ئەگەردە، سىز ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرغان ۋاقتىڭىزدا، بەدىنىڭىزدە بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بۇ بەدەننىڭ بىزگە بەرگەن سىگنالى بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ!
بەدەن قاتتىق
   ئەگەر ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرغان ۋاقىتتا، مۇسكۇللىرىڭىز ۋە بوغۇملىرىڭىز ئۇنداق ھەرىكەتچان ئەمەس، ئازراق قېتىپ قالغاندەك ھىس قىلسىڭىز، بۇ نورمال ئەھۋال ئەمەس؛ بۇنداق ئەھۋالدا ئادەتتە، سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش ۋە رىماتىزىم مەسىلىسىنى ئويلىشىش لازىم بولۇپ، ۋاقىت تېپىپ سۆڭەك بۆلۈمگە كۆرۈنۈپ بېقىشڭىز كىرەك.
قوساق ئېچىپ قوپۇش
   ئادەتتە، ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغاندا ھەممىمىزنىڭ قوسىقى ئاچىدۇ؛ بىراق، ئەگەر سىزدە كۆرۈنەرلىك قوساق ئاچقانلىق تۇيغۇسى بولسا، ھەتتا قوساق ئېچىپ چىدىيالماي قالغاندەك ھىس قىلسىڭىز، ھەمدە بۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈرەك ئېغىش، ماغدۇرسىزلىق ھىس قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىللە كۆرۈلسە، بۇنداق ئەھۋالدا دىئابىت كىسىلىدىن ھەزەر ئەيلەش كىرەك.
باش قېيىش ۋە ئاغرىش
   ئەگەر سىز كىچىسى ياخشى ئۇخلىيالمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئەتىگىنى باش قېيىش ۋە باش ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بۇ نورمال ئەھۋال ھىسابلىنىدۇ. بىراق، سىزنىڭ ئادەتتە ئۇخلاپ ئارام ئېلىشىڭىز قانۇنىيەتلىك، ئۇيقۇڭىزمۇ ياخشى بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ئەتىگىنى يەنىلا بېشىڭىز قېيىپ ياكى بېشىڭىز ئاغرىپ قوپسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ بەلكىم، قان قۇيۇلۇشنىڭ ياكى بويۇن ئومۇرتقا كىسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
كىچىسى ئويغىنىپ كەتكەندىن كىيىن قايتا ئۇخلىيالماسلىق
   ئەگەر يېرىم كىچىدە ئويغىنىپ كەتكەندىن كىيىن، قايتا ئۇخلىمىقىڭىز تەس بولسا، ئۇنداقتا سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك. ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، پىسخىكىلىق توسالغۇ، ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ياشانغانلار گالۋاڭلىق كىسىلىدىنمۇ ھەزەر ئەيلاش كىرەك.
بەدەن ئىششىپ كىتىش
   ئادەتتە، ئەگەر ئالدىنقى كۈنى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا سۇنى كۆپ ئىچىۋەتسەك ياكى يۇقىرى تۇز تەركىبلىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئسىتىمال قىلىۋالساق، ئۇنداقتا ئىككىنچى كۈنى ئورنىمىزدىن تۇرغاندا، بەدەندە ئىششىش كۆرىلىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، بۇنىڭدا چوڭ مەسىلە يوق؛ بىراق، سىز ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا سۇنى  كۆپ ئىچمىگەن ياكى تۇزلۇق يىمەكلىك ئىستىمال قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ئەگەر ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا بەدىنىڭىزدە ئىششىق پەيدا بولغانلىقىنى بايقىسىڭىز، بولۇپمۇ يېرىم سائەتتىن كىيىنمۇ ئىششىقنىڭ يانمىغىنىنى بايقىسڭىز، ئۇنداقتا ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىز كىرەك. چۈنكى، بۇ ئەھۋال يۈرەك كىسەللىكلىرى ياكى بۆرەك كىسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号