ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
پالتا بىلەن چاچ ياسىغاننى ئاڭلاپ باققانمۇ سىز؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەممىمىز بەلگىلىك مەزگىلدە بىر ساتراچخانىغا بېرىپ چاچ ياسىتىمىز؛ بىراق، پالتا ئىشلىتىپ چاچ ياسايدىغان ساتراچ ئۇستامنى كۆرۈپ باققانمۇ سىز؟ يېقىندا، روسىيەلىك بىر چاچ ياساش ئۇستىسىنىڭ پالتا بىلەن ئىككى ئايالنىڭ چېچىنى ياسىغان ۋىدىئوسى توردا كەڭ تارقىلىپ، نۇرغۇنلىغان كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئەمما ئىشىنىمەنكى، كۆپ قىسىم كىشىلەر، يەنىلا بۇ ئۇسۇلدا چېچىنى ياسىتىشنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
   بۇ چاچ ياساش ئۇستىسىنىڭ ئىسمى داننىل.ستومىن بولۇپ، روسىيە يىڭى سىبىريەدىن؛ توردىكى سۈرەتلىك فىلىمدا، روسىيەلىك ئىككى ساھىبجامال يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، بېشىنى بىر ياغاچ ساندۇقنىڭ ئۆستىگە قويغان. ئۇلار قارىماققا ناھايىتى تەمكىن كۆرۈنەتتى. داننىل بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئايالنىڭ چېچىنى ياسىغان بولۇپ، چاچ ياساش سۈرئىتى خۇددى ئۇسۇل ئوينىغانغا ئوخشاش ناھايىتى تىز ئىدى، قارشى تەرەپنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشتىن ئازراقمۇ ئەنسىرمەيدىغاندەك قىلاتتى.
   داننىلنىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە چاچ ياساش ئۇسۇلى سەۋەبلىك، ئۇ بۇ كوچىدىكى كىشىلەر تەرپىدىن "ئالۋاستى ساتراچ" دەپ ئاتالغان. داننىلنىڭ دىيىشىچە، ئۇ بىكار ۋاقىتلىرىدا بەزىبىر قىزىقارلىق ئىشلارنى ئۆزىنىڭ كەسپى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئويلىشىپ، ئاخىرىدا پالتا بىلەن چاچ ياساش ئۇسۇلىنى ئويلاپ تاپقان ئىكەن.
   داننىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دەسلىۋىدە كۆزىنى تېڭىپ قويۇپ چاچ ياساشنى ياكى ئىككى قولىدا تەڭ چاچ ياساشنى سىناپ باقماقچى بولغان؛ بىراق ئاخىرىقى نەتىجىدە، پالتا بىلەن چاچ ياشاشقا ئۆزگىرىپ قالغان.
   ھازىر، ئۇ قولىدىكى پالتىنى ناھايىتى ئەپلىك ئىشلىتەلەيدىغان بولغان؛ ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ پەقەت بەزىبىر گىئومىتىرىيەلىك بىلىملارنى ئۆزىنىڭ كەسپىگە بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، ئەمىلىيەتتە بۇنى ئىشقا ئاشۇرماق ئۇنچە تەس ئەمەس ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号