ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بىنورمال يات جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتى بۇ ئىشلاردىن باشلىنىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بولۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر يات جىنىسلىق دوستى بار بولىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، يات جىنىسلىقلار بىلەن ئالاقە قىلىش، ئىنتايىن نورمال ئەھۋال بولۇپ، پەقەت ئارىلىقنى لايىقىدا ساقلاپ ئۆتسە، ئادەتتە چوڭ ئىش يۈز بەرمەيدۇ.
    بىراق، ئادەم ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى، يات جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتى جەريانىدا، دوستلۇقتىن ھالقىپ كىتىپ، بىنورمال مۇناسىۋەت شەكىللىنىپ قېلىشتۇر. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشقا يىتىپ قالغاندا، ئائىلىسى ۋە بالىسىغا مەسئۇل بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلانماق لازىمدۇر. ئادەتتە، يات جىنىسلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، بۇ، مۇناسىۋەتنىڭ بىنورماللىشىشقا باشلىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.
قارشى تەرەپنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىش
   دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، قارشى تەرەپ سىز ئۈچۈن بەزىبىر ئىشلارنى قىلسا ھەمدە سىزمۇ قارشى تەرەپنىڭ ياخشى كۆڭلىنى رەت قىلىۋىتىشنى خالىمىسىڭىز، بۇ سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلارنىڭ بىنوماللىشىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بىرىنچى قەدىمى. مەسىلەن، ئايال كىشىنىڭ قىزىقىشى ئىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمىسا ھەمدە ئىرى ئايالىغا ھەمرا بولۇپ ئۇ قىزىقىدىغان ئىشلارنى تاماملاشنى خالىمىسا، ئادەتتە ئايالى بۇ ئىشنى ئۆزى قىلىشقا ئادەتلىنىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ئايالنىڭ بىرەر يات جىنىسلىق دوستى ئۇنىڭ ھەمىشە يالغۇز بارىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كىيىنكى قېتىم ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ بىرگە بېرىشنى ئېيتسا، ئەمما ئايال كىشى بۇنى رەت قىلمىسا، ئۇنداقتا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئەلۋەتتە بىنورماللىشىدۇ.

قارشى تەرەپنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىش
   سوۋغات بىرىش، بەلگلىك بىر مەنانى ئىپادىلەيدۇ؛ مەسىلەن، مەلۇم بىر ئەھمىيەتلىك ئىشنى خاتىرلەش ئۈچۈن سوۋغات بىرىلىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋالدۇر. بىراق، ئەگەر يات جىنىسلىقلار ئارىسىدا، ھېچقانداق سەۋەبى يوقلا سوۋغات تەقدىم قىلىنىسا، ئۇنداقتا بۇ، ئوتتۇرلۇقتىكى مۇناسىۋەتنىڭ بىنورمال بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
قارشى تەرەپ بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرۈش
   ئوتتۇرا ياشقا يەتكەن ۋاقىتتا، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى ھەرخىل بېسىملار سەۋەبىدىن، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم، تۇيۇقسىزلا گەپ خالتىسى بولۇپ ئۆزگىرىپ، پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. خۇددى يىڭىدىن مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان ئاشىق-مەشۇقلارغا ئوخشاش، پاراڭلىشىدىغان گەپلىرى تۈگىمەيدۇ. يات جىنىسلىق دوستلار ئارىسىدا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى بىنورماللىشىشقا باشلىغان بولىدۇ.
    يات جىنىسلىقلار ئارىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى نورمال ھالەتتە ساقلىماق تەس بولۇپ، سەللا ئىھتىيات قىلمىغاندا، ئۆمۈرلۈك پۇشايمان قىلىدىغان خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ سېلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا، مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇمىزنى ئۆستۈرۈپ، يات جىنىسلىقلار ئالاقىسىدە، ئۆزىمىزنىڭ گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号