ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
چاچ يۇغاندىكى بۇ ئادەتلەر چاچنى تېخىمۇ ئازايتىۋىتىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   سىز مۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ باققانمۇ؟ ئەمدى يۇيۇنۇپ بولۇپ، قوللىرىڭىزغا قارىسىڭىز، قوللىرىڭىزنىڭ چاچقا تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز؛ ئادەتتە چېچىڭىزنىڭ چۈشكەنلىكىنى بەك ھىس قىلىپ كىتەلمەيسىز، ئەمما چېچىڭىزنى يۇغان ۋاقىتتا ئەڭ كۆپ چۈشىدۇ. نىمىشقا بۇنداق ئەھۋال كۆرىلىدۇ؟ بۇنىڭ بىر سەۋەبى، سىزنىڭ چېچىڭىز ئەسلىدىنلا جانسى قۇۋۋەت يىتىشمىگەن بولۇشى مۇمكىن؛ يەنە بىر سەۋەبى بولسا، سىزنىڭ چاچ يۇيۇش ئۇسۇلىڭىزنىڭ خاتا بولغانلىقىدا. ئادەتتە، چاچ يۇغاندا تۆۋەندىكىدەك ئادەتلىرى بار كىشىلەرنىڭ چاچلىرى بارغانسىرى ئازلاپ كىتىدۇ.
سۇ بەك قىزىق
   بەزى كىشىلەر باش قىسىمغا سۇغۇق يەتسە بولمايدۇ دەپ قاراپ، بىر يىل360كۈننىڭ ھەممىسىدە بېشىنى قىزىق سۇدا يۇيىدۇ. بىراق، قىش ۋە ياز پەسلىدە، ئادەم بەدىنىنىڭ سۇ تىمپىراتۇرسىغا بولغان تەلىۋىدە ئۆزگىرىش كۆرىلىدۇ. سۇ تىپمىراتۇرسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، چاچ قۇرغاق ھەم نۇرسىز بولۇپ قالىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە، تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئېچىلغان ھالەتتە تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چاچ چۈشۈشنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بىرقەدەر ئىلمى بولغان ئۇسۇل بولسا، ئالدى بىلەن ئىلمان سۇدا چاچنى يۇيۇپ، چاچ سوپۇنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن، نىسبەتەن سۇغۇقراق سۇدا بېشىمىزنى چايقىۋەتسەك، بۇنىڭدا تۈك تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىش ۋە يېپىلىش جەھەتتىكى چېنىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، چاچلىرىڭىزمۇ تېخىمۇ جانلىق بولۇپ كىتىدۇ.
چاچنى يۇيۇش رەت تەرتىۋى خاتا
  چاچ ئاسراش مەلھىمى تەركىبىدىكى ئىئونلارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان سۈمۈرۈپ چاپلاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، چاچتىكى مەينەت نەرسىلەرنى ئۆزىگە سۈمۈرۋالىدۇ ھەمدە ئاسانلىقچە يۇيۇپ چىقىرۋەتكىلى بولمايدۇ. چاچ گۈزەل لەشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاچتىكى چاچ ئاسراش مەلھەملىرىنى چايقاپ چىقارماق ئىنتايىن تەس بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا بەلگىلىك دەرىجىدە قالدۇق ماددىلار چاچ ئارىسىدا قېلىپ، چاچنىڭ سۈپىتىگە زىيانلىق تەسىر يەتكۈزىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، توغرا بولغان چاچ يۇيۇش ئۇسۇلى مۇنداق بولۇشى كىرەك: ئالدى بىلەن چاچ ئاسراش مەلھىمى ئىشلىتىپ، كەينىدىن ئاندىن چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش، بۇنىڭدا ئاندىن چاچنى ھەقىقى تۈردە يۇيۇپ پاكىزلىغىلى بولىدۇ. بۇندىن باشقا، چاچنىڭ تۈۋى  قىسىمغا چاچ ئاسراش مەلھىمى ئىشلەتمەسلىك كىرەك، چاچ تۈۋى قىسىمدىن ئاز دىگەندىمۇ ئىككى سانتىمىتىر ئارىلىق قويۇپ ئاندىن ئىشلىتىش كىرەك. چۈنكى، چاچ ئاسراش مەلھىمى تۈك تۆشۈكچىلىرىنى توسۇپ قويىدۇ، ھەتتا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.
چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى بىۋاستە چېچىغا تۆكۈش
   نۇرغۇن كىشىلەر قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى بىۋاستە بېشىغىلا تۆكۈپ، ئاندىن ئاستا-ئاستا چېچىنى يۇيىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، بۇ خىل قىلمىشنىڭ باش تىرىسىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ. چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ پاكىزلاش ئۈنۈمى، ماغزاپ كۆپۈپ چىقىش ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى بىۋاستە باش قىسىمغا قۇيغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تازىلاپ پاكىزلاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. توغرا بولغان ئۇسۇل بولسا، چاچ سۇيۇقلۇقىنى ئاۋال ئالقىنىمىزغا تۆكۈپ، ئۇۋۇلاپ بەلگىلىك ماغزاپ كۆپۈكچىلىرى چىقىرۋالغاندىن كىيىن، ئاندىن بېشىمىزغا ۋە چېچىمىزغا ئىشلىتىشتۇر.
چاچ يۇغاندا، تىرناقلىرى بىلەن باش تىرىسىنى تاتىلاپ يۇيۇش
   باش تىرىسى، ئادەم بەدىنىدىكى قان تۇمۇرلار بىرقەدەر كۆپ بولغان ئورۇنلارنىڭ بىرسى؛ بىزنىڭ تىرنىقىمىز بولسا نىسبەتەن ئۆتكۈر بولۇپ، باش تىرىسىنى تاتىلىغان ۋاقىتتا، باش تىسىىنى ئاسانلا زەخمىگە ئۇچرىتىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تىرناق ئاستىغا كۆپ مىقداردا باكتىرىيە ۋىرۇسلار يۇشۇرۇنغان بولۇپ، ئەگەر باشنى تاتىلاپ يۇغان ۋاقىتتا ئىھتىياتسىزلىقتىن باش تىرىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويساق، باش تىرىسى ئاسانلا ياللۇغلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا چاچنى يۇغان ۋاقىتتا، تىرناقتا تاتىلاپ يۇماستىن، بارماقلىرىمىزنىڭ ئىچى قىسمىدا باش تىرىسىنى ئاستاغىنا ئۇۋۇلاپ يۇيۇش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号