ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
گىلاس مۇرابباسى—ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەممەيلەن ئەر كىشى بولماق تەس دىيىشىدۇ، ئەمىلىيەتتە ئايال بولماقمۇ ئاسان ئەمەس؛ بولۇپمۇ ھەرئايدا نەچچە كۈن بىكاردىن بىكار ئاغرىق ئازابى تارتىپ، روھى جەھەتتىنلا ئەمەس، يەنە تېخى قان كۆپ چىقىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، بەزىدە قان ئازلىق كىلىپ چىقىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ھەيىز مەزگىلىدىكى يىمەك-ئىچمەككە چوقۇم دىققەت قىلىش كىرەك بولۇپ، قان تۇلۇقلايدىغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بىرىش كىرەك.
   كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، قان تۇلۇقلايدىغان يىمەكلىكلەر ئاز ئەمەس؛ بولۇپمۇ مىۋە تۈردىكى يىمەكلىكلەر، قان تۇلۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر. مەسىلەن، گىلاس؛ گىلاسنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، چىرايىنى گۈزەل لەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە تېخى قان تۇلۇقلاش رولىنى ئويناپ، قان ئازلىق كىسىلى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالىدۇ ھەمدە تىرىسى تېخىمۇ يۇمرانلىشىپ، رەڭگى-رويىمۇ ياخشىلىنىپ قالىدۇ.
   گىلاسنى ئادەتتە يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ، بىراق ساقلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بىز گىلاستىن مۇراببا تەييار قىلىپ، ھەركۈنى ئازراقتىن ئىستىمال قىلىپ بەرسەك، بەدەنگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

گىلاس مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلى

   كىتەرلىك ماتىريال: 500گىرام گىلاس، 168گىرام ئاق شىكەر، لىمون شەربىتى بەش تامچە
بىرىنچى قەدەم
    گىلاسنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، ئۇرۇقچىسىنى ۋە بېغىچىنى ئېلىۋىتىپ، ئۈستىگە شىكەرنى قۇيىمىز؛
ئىككىنچى قەدەم
   تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، بىر سائەت قويۇپ قويىمىز؛

ئۈچىنچى قەدەم
    ۋاقىت توشقاندىن كىيىن قازانغا سېلىپ، ئۈستىگە لىمون شەربىتىنى قۇيىمىز؛
تۆتىنچى قەدەم
   كىچىك ئوتتا 35مىنۇت قاينىتىمىز، بۇ ۋاقىتتا يىتەرلىك دەرىجىدە قويىلىدۇ؛
بەشىنچى قەدەم
   ئېغىزى ئىتىلىدىغان ئەينەك بوتولكىدىن بىرنى قايناقسۇدا ئىچىنى بىر دىزىنفىكسىيە قىلىۋەتكەندىن كىيىن، قۇرۇتۇپ تەييارلايمىز؛
ئالتىنچى قەدەم
   قازاندىكى قاينىتىلغان مۇراببانى ئەينەك بوتۇلكىغا قاچىلاپ، ئېغىزىنى چىڭ ئەتكەندىن كىيىن، دۈم قىلىپ قويىمىز.
يەتتىنچى قەدەم
   مۇراببا تۇلۇق سۇۋىغاندىن كىيىن، ئۇنى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاپ، كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号