ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ قىز ھەيران قالارلىق يىڭى بىر رىكورت ياراتتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىچىك ۋاقتىدا بىر ئاماللارنى قىلىپ دەرستىن قېچىش، نورمال بىر ئىش ھىسابلىنىدۇ؛ بىراق، ئەنگىلىيەدە 18ياشلىق بىر ئەلاچى ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ بىر كۈنمۇ دەرستىن قالماسلىقتەك خاتىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
   ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، بۇ قىزنىڭ ئىسمى ئوۋلىۋىيا.ئەيلۇن بولۇپ، ئۇ ئەنگىلىيەنىڭ جەنۇبى يورك ئايمىقىدىن.
  بۇ يىل 18ياشقا كىرگەن بۇ قىز، ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر رىكورتنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇ بولسىمۇ، ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن بىرىنچى كۈندىن باشلاپ، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە، بىر قېتىممۇ رۇخسەت سوراپ باقمىغان، ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ بىر كۈنمۇ ئوقۇشتىن قېلىپ باقمىغان.
   ھەتتا چوڭ كۆلەملىك يۇقۇملۇق كىسەل تارالغان ۋاقىتلاردىمۇ، بۇ ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.
   بۇنىڭلىق بىلەن، ئۇ جەمئى 2660كۈن مەكتەپكە بېرىش، 16000سائەتتىن ئارتۇق دەرس ئاڭلاشتەك ھەيران قالارلىق رىكورت ياراتقان.
   ئۇنىڭ ئوخشاش ياشتىكى ساۋاقداشلىرى، ھەر سۇلۇق دانىخورەك، قولاق ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ جاپاسىنى تارتىپ باققان ھەم بۇ سەۋەپلىك بەلگىلىك ۋاقىت ئوقۇشتىن قېلىپ باققان؛ بىراق، ئوۋلىۋىيا ئەزەلدىن بۇنداق كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ باقمىغان.
   ئوۋلىۋىيانىڭ دىيىشىچە، ئۆتمۈشتىكى 14يىل مابەينىدە، ئۇنىڭمۇ مىجەزى يوق بولۇپ قالغان ۋاقىتلار بولغان؛ بىراق، مىجەزى يوق بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا مەكتەپكە بېرىپ دەرسكە قاتنىشىشنى تاشلاپ قويمىغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号