ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
چار خەمەكنىڭ ئاچچىق تەمىنى يوقىتشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇللىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
    چار خەمەك(苦瓜، ئادەتتە ئاچچىق كاۋا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئادەمنىڭ ھەم ئامراقلىقىنى ھەم بىزارلىقىنى قوزغايدىغان بىر خىل كۆكتات. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، قەنتلەر، مىنرالنى ماددىلار ۋە ھەر تۈرلۈك ۋىيتامىن قاتارلىقلار مول؛ شۇڭا چار خەمەكنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئىسسىق يەل ۋە قوقاقنى ھەيدەش رولىنى ئويناپلا قالماي، تىرىنىڭ يۇمرانلاشتۇرۇش، قاندىكى قەنت مىقدارىنى چۈشۈرۈش، قاننى قۇۋۋەتلەش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق ئۈنۈملەرگىمۇ ئىگە. بىراق، بىردىنبىر ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان يىرى، تەمى ئاچچىق بولۇپ، ئەگەر تەييارلاش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسا، ئاچچىق تەمى تېخىمۇ ئېغىرلاپ، يىگىلى بولمىغۇدەك بولۇپ كىتىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، چار خەمەكنىڭ ئاچچىق تەمىنى يوقىتىشقا(ياكى ئاجىزلىتىشقا) بولىدىغان بىر نەچچە تۈرلۈك ئاددى ئۇسۇلنى رەتلەپ سۇندۇق.
ئۇرۇقىنى (ئاق پەردىسىنى) ئېلىۋىتىش ئۇسۇلى
    سېتىۋالغان چار خەمەكنى ئوتتۇردىن يېرىپ، ئىچىدىكى ئۇرۇغلىرىنى ۋە ئاق رەڭلىك پەردىسىمان قىسمىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن، سۇدا پاكىزە بىر قېتىم يۇۋىتىمىز. ئۇرۇغىنى ئالغان ۋاقىتتا چوقۇم پاكىزە ئېلىۋىتىش كىرەك؛ چۈنكى، چارخەمەكنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇغى بىلەن ئاق رەڭلىك پەردىسىمان قىسمى، ئۇنىڭ  ئاچچىق تەمىنىڭ كىلىش مەنبەسىدۇر. شۇڭا ئەگەر، قورۇشنىڭ ئالدىدا بىر قېتىمدىلا پاكىزە ئېلىۋەتسەك، تەييارلىغان چار خەمەك ئۇنداق يىگىلى بولمىغۇدەك ئاچچىق بولۇپ كەتمەيدۇ.
تۇزلاش ئۇسۇلى
    چار خەمەكنى يۇيۇپ پاكىزلاپ توغرىۋالىمىز؛ توغراپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى بىر داسقا سېلىپ، ئۈستىگە بىر قوشۇق تۇز قوشۇپ ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن،20مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق ۋاقىت تۇزلاپ قويىمىز؛ چار خەمەك يۇمشاپ سۈيى چىققاندىن كىيىن، سۈيىنى قولىمىزدا سىقىۋىتىمىز. تۇزلىغاندىن كىيىن، چار خەمەكنىڭ يشىل ھەم يالتىراق كەلگەن رەڭگىنى ساقلاپ قالغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئاچچىق تەمىنىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا ئازايتقىلى بولىدۇ، تېخىمۇ ئىشتىھا بىلەن يىيەلەيمىز.
سۇغا چىلاپ يۇيۇش ئۇسۇلى
    چار خەمەكنى ئۆزىمىز ئىھتىياجلىق بولغان شەكىل ۋە چوڭ كىچىكلىكتە توغرىغاندىن كىيىن، سۇغۇق سۇغا چىلاپ قايتا-قايتا(5-3 قېتىمغىچە) يۇيۇپ بەرسەك، ھەمدە يۇيۇش جەريانىدا توختىماستىن قولىمىزدا سىقىپ بەرسەك، چار خەمەكنىڭ  ئاچچىق تەمىنى بەلگىلىك دەرىجىدە يۇيۇپ چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا، قورۇغان قورۇمىمىزنىڭ ياكى تەييارلىغان تائامىمىزنىڭ ئاچچىق تەمى زور دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ.
سۇدا قاينىتىۋىتىش ئۇسۇلى
    چار خەمەكنى قورۇشتىن ئاۋال، ئۇنى سۇدا بىر قاينىتىۋالساق، چار خەمەكنىڭ ئاچچىق تەمىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. توغراپ تەييارلىغان چارچ خەمەكنى قاينىغان قازانغا تاشلاپ، ئۈستىگە بىر قوشۇق تۇز قوشىمىز؛ سۇ قايناش جەريانىدا، چار خەمەكنىڭ ئاچچىق تەمى زور دەرىجىدە تارقاپ كىتىدىغان بولۇپ، قوشۇلغان تۇزمۇ ئاچچىق تەمنىڭ پارچىلىنىش تىزلىكىنى تىزلىتىدۇ. بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا لازىمكى، سۇدا قاينىتىش ۋاقتى ئادەتتە 20 سىكونت ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ، ئەگەر قاينىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، چار خەمەكنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئېقىپ خوراپ كىتىدۇ.
باشقا يىمەكلىكلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلى
يۇقاردا كۆرسىتىلگەن ئۇسۇللاردىن باشقا، چار خەمەك قورىغان ۋاقىتتا، سامساق، قىزىلمۇچ، قاقمۇچ دىگەنگە ئوخشاش ئاچچىق يىمەكلىك ماتىرياللارىنى قوشۇپ قورىساق بولىدۇ. بۇنىڭدا، قورىمىنىڭ رەڭگى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالماي، چار خەمەكنىڭ بىر قىسىم ئاچچىق تەمىنى ياپىدۇ ھەمدە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号