پىسخىكىلىق ساۋات | تەلىيڭىز قېچىش ئالدىدىكى ئالامەتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
بىز جۇڭگۇلۇقلار ئەلمىساقتىن تارتىپ تەلەيگە ئىشنىپ كەلگەن؛ ھازىرقى زامان تەلەي ئىلمىنىڭ يىشىلمىسى بولسا، كىشىلىك ھايات ئەندىزىسىنى ماكرو جەھەتتىن تەسۋىرلەپ بىرىشكە تېخىمۇ بەكرەك ئوخشاپ كىتىدۇ.
مەلۇم نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەلەي ئۇ بىر خىل ئىھتىماللىق بولۇپلا قالماي، ئۇ بىزنىڭ ئىچكى ساپايىمىز ۋە سىرتقى ئىپادىمىزنىڭ ھەقىقى تۈردە ئىپادىلىنىپ چىقىشىدۇر؛ مۇنداقچە ئېيتقاندا، يەككە تەننىڭ قىلمىشى، بىر ئادەمنىڭ تەلىيىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. پىسخىلوگلارنىڭ قارىشىچە، بىر ئادەمدە تۆۋەندىكى تۆت ئالامەت كۆرۈلگەندە، ئادەتتە ئۇلارنىڭ تەلىيى قېچىشقا باشلايدۇ.

رىئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش
ياپونيىلىك يازغۇچى شەنشىيا يىڭزىنىڭ قارىشىچە، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۈمىدىنى ھەمىشە نامالەم بولغان ئەتىگە باغلاپ، كۆز ئالدىدىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىكەن. رىئاللىق كۆپىنچە ھەمىشە گۈزەل بولىۋەرمەيدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، رىئاللىق، ئالدىراش خىزمەت ۋە ناچار تۇرمۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز خام-خىيالغا چۆككەن ۋاقتىمىزدا، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيمىز؛ بىراق، بۇ ھامان بىر خىل ئۆز-ئۆزىمىزنى ناركوزلاشتۇرۇش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ئامرىكىلىق جەمئىيەت پىسخىلوگىيە مۇتەخەسسىسى لىئون.فىستىنگىر، ئۆزى يازغان "جەمئىيەت سېلىشتۇرۇش نەزىريىسى"نالىق كىتابىدا مۇنداق دەپ يازغان: كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنى ئۆزىدىن مۇنەۋۋەر بولغان ئادەم بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، ھەمدە ئۆزىدىن ناچار بولغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى جەزىملەشتۈرىدۇ.
بىز رىئاللىقتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرغان ۋاقىتتا، بىز تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىمىز ۋە قىزغىنلىقىمىزنى يوقاتقان بولىمىز، بۇنىڭدا، بىز ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا ئاكتىپ پوزۇتسىيە تۇتالمايمىز، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ جەمئىيەتتىكى قىممىتىنى ئەمىلىيەتچىل ھالدا تۇنۇپ يىتەلمەيمىز. ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا تۇنۇپ يىتەلمىگەن ئادەمگە نىسبەتەن، ئۇ خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ھەر دائىم كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئىرىشەلمەيدۇ، شۇڭا ئۆزىنى تەلىيى قاچقاندەك ھىس قىلىدۇ.

پاسسىپ پوزۇتسىيە
پىسخىلوگىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پاسسىپ بولغان كىشىلىك ھايات پوزۇتسىيسى، نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ؛ مەسىلەن، ئىجتىمائى مۇناسىۋەت، يەككە تەننىڭ كەيپىياتى، ھەمدە يەككە تەننىڭ شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان تۇنۇشى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلار بىر ئادەمنىڭ تەلىيىنى ئۆزگەرتىۋىتەلەيدۇ.
داڭلىق بولغان "شاپتۇلغا قاراپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش" دىگەن تارىخى ھىكايە، بەلگىلىك دەرىجىدە ئەسكەرلەرنىڭ ئاكتىپ كەيپىياتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ پاسسىپ روھى ھالەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان؛ چۈنكى، پەقەپ كۆڭلدە ئۈمىد بار بولغان ۋاقىتتىلا، ئاندىن ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پوزۇتسىيەنىڭ يەككە تەنگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور. ئوبىكتىپ رىئاللىقنى بىز بەلگىلىيەلمەيمىز، ئەمما بىز ئۆزىمىزنىڭ قانداق قىلىپ مەسىلىنى ئورۇنلۇق بىتەرەپ قىلالىشىنى بەلگىلىيەلەيمىز.

ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇش
ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويالىغان كىشىلەر كۆپىنچە بەزىبىر نەتىجىلەرگە ئىرىشەلەيدۇ؛ بىراق، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە بەك قاتتىق تەلەپ قويۇۋالغاندا، ھامان باشقىلارنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچراپ كىتىمىز. بۇ يەردە بىزنىڭ ئېيتقىنىمىز، قانداق قىلىپ، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر بىلەن تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان ئىجتىمائى ئالاقە ئورنىتىش مەسىلىسىدۇر.
ئىنسانلار، ئىجتىمائى خارەكتىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر خىل جانلىق؛ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، بىز ئۆزىمىز مۇستەقىل ھالدا ئورۇنلاپ كىتەلەيدىغان ئىجتىمائى پائالىيەت ئىنتايىن ئاز بۇ سەۋەپلىك، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بەزى كىشلەر ئەتراپىدىكى خىزمەتدېشى ياكى دوستلىرىغا يۇقىرى ئۆلچەمدە تەلەپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدىغان كىلىدۇ.
چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە چەمبىرىكىنى چەكلەپ قويغان بىلەن ئوخشاش بولۇپ، قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋاقتىدا ياردەملىشىدىغان ئادەم يوق بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇلار بولسا، بۇنى تەلەي قاچقانلىقتىن كۆرىدۇ؛ بىراق ئەمىلىيەتتە، ئۇلار ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلاپ بېقىشنى كۆپرەك ئۆگەنسە بولىدۇ.

ئۆزگىرىشنى رەت قىلىش
ئۆزگىرىشنى رەت قىلىش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىدا، نىسبەتەن بىخەتەر ھەم مۇداپىئەلىنىشكە ئەپلىك بولغان تۇرمۇش پوزۇتسىيەسى ھىسابلىنىدۇ؛ چۈنكى، ئۆزگىرىشكە جاسارەت كىتىدۇ ھەمدە بەلگىلىك بەدەل تۆلەش لازىم بولىدۇ. بىراق ھازىرقىدەك رېتىمى تىز جەمئىيەتتە، ئالغا باسماي بىر نوقتىدا تۇرۋىلىشىمىز، بارغانسىرى قالاقلىشىپ ئارقىدا قېلىشقا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ھېچقانداق ئادەم بىر ئورۇندا تۇرۇپ ئۆزىنى بىر ئۆمۈر بېقىپ كىتەلمەيدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويغاندىن كىيىن، باشقىلاردىن قاقشاپ ئاغرىنىشقا باشلايدۇ ھەمدە بۇنى ئۆزىنىڭ تەلىيي قاچقانلىق دەپ ھىسابلايدۇ. بىراق ئەمىلىيەتتە، ئۇلار ئۆزلىرى پاراغەت كۆزلەپ، ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايقاپ يىتەلمىگەن بولىدۇ. ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش رىقابەتتىن دىرەك بىرىدۇ، ئەمما تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئۇ يەنە پۇرسەتتىن دىرەك بىرىدۇ. بىز پەقەت دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ ئۆتكەندىلا، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئۆز ئالقىنىمىزدا كونتىرول قىلالايمىز.