ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بانان سېتىۋالغاندا قانداق تاللاشنى بىلەمسىز؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بانان، تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھەمدە ھەممە ئادەم ياقتۇرۇپ يەيدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى. باناننىڭ باھاسى ئەرزان بولۇپ، ئىسسىق يەل ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش، ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۈنملىرى بار. بانان تەركىبىدە، ئاقسىل، ياغ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىرىك تالا ماددىلىرى، مىنرالنى ماددىلار ۋە ۋىيتامىن قاتارلىقلار ئىنتايىن مول؛ بۇندىن باشقا، باناننىڭ تەركىبىدىكى يىمەكلىك تالا ماددىسىمۇ مول بولۇپ، ئاشقازان ئۈچەيدىكى ئەخلەتلەر ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلاشقا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، مىتابولىزىم بېسىمىنى يىنىكلىتىدۇ ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    پىشىپ ۋايىغا يەتكەن بانان نىسبەتەن تاتلىق، ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىز سېتىۋىلىپ كەلگەن بانان تېخى تازا پىشىپ ۋايىغا يەتمىگەن بولىدۇ؛ بۇنداق باناننىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلىشى، باناننى تاللىغان ۋاقىتتا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇنداقتا بانان سېتىۋالغاندا، ئۇنى قانداق تاللاش كىرەك؟ تۈز كەلگەنلىرى تاتلىق چىقامدۇ ياكى ئەگرى كەلگەنلىرىمۇ؟
    سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، باناننىڭ بەزىلىرى تۈزرەك كىلىدۇ، بەزىلىرى بولسا ئەگرى كىلىدۇ؛ ئۇنداقتا، بۇ ئىككىسىنىڭ قايسى خىلى تېخىمۇ تاتلىق چىقىدۇ؟ ئەمىلىيەتتە، باناننىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسىدىن، ئۇنىڭ ئۆسۈش ئۇسۇلىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ؛ بانان ئادەتتە نىسبەتەن تۈز ھالەتتە مىۋە بىرىدۇ، بىراق كىيىنچە قۇياش نۇرۇ بار تەرەپكە قاراپ ئۆسۈپ يوغىنايدىغان بولغاچقا، كىيىنكى مەزگىلدە بارغانسىرى ئەگرى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە تەبىئى ھالدا پىشىپ ۋايىغا يەتكەن بانان ئەگرى ھالەتتە كىلىدۇ. نىسبەتەن تۈز كەلگەن بانان بولسا، ئۈزۈپ بولغاندىن كىيىن ئاپتاپتا قويۇپ پىشقۇزغان ياكى تېخىنىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن بانان بولىدۇ.
   دىمەك، ئەگرى كەلگەن بانان، دەرەختىكى ۋاقتىدا ئاساسى جەھەتتىن پىشىپ بولغان بولىدۇ؛ تۈز كەلگەن بانان بولسا، مىۋە چۈشكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ پىشىشىنى ساقلىمايلا ئۈزىۋالغان بانان بولىدۇ. شۇڭا، ئەگرى كەلگەن بانانىڭ تەمى، تۈز كەلگەن بانانغا قارىغاندا تاتلىقراق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号