ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قېيىنئانا كىلىن زىددىيىتى نىمە سەۋەپتىن كىلىپ چىقىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
   قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى، ئەزەلدىن بىتەرەپ قىلماق ئىنتايىن تەس بولغان بىر مۇناسىۋەت بولۇپ، قىيىنئانا-كىلىن ئوتتۇرسىدا ئەسلىدىنلا قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق، ئۇلار پەقەت ئورتاق يېقىن بولغان بىر ئادەم سەۋەپلىك بىريەرگە كىلىپ قالغان كىشىلەردۇر.
    مىنىڭچە، قېيىنئانىنىڭ كىلىنىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، كىلىنى ئىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش؛ ئوخشاشلا، ئەگەر كىلىن راستىنلا قېيىنئانىسىنى ئۆز ئانىسىدەك كۆرەلىسە، ئۇنداقتا بۇ يەنە، قېيىنئانىنىڭ ئۇنىڭغا يىتەرلىك دەرىجىدە ياىشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    بىراق رىئال تۇرمۇشتا، كۆپىنچە نۇرغۇنلىغان قىيىنئانا بىلەن كىلىن ئوتتۇرسىدا چىقىشىپ ئۆتەلمەيدىغان بولۇپ، بۇنداق بولۇشنى سەۋەپلىرىمۇ كۆپ خىل بولىدۇ.
ئوغلى بىلەن كىلىنى زىددىيەتلىشىپ قالسا، قېيىنئانا بۇنىڭغا ئارىلىشىۋالىدۇ ھەمدە قەستەن ئوغلىغا يان باسىدۇ
    كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، قېيىنئانىلارنىڭ ئوغلىغا زىيادە يان بېسىشى، ئوغلى بىلەن كىلىنىنىڭ توي تۇرمۇشىنى ھاڭغا ئىتتىرگەنلىك بىلەن باراۋەر بولىدۇ. كۆپ قىسىم ياخشى قېيىنئانىلارنىڭ بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بولسا، كىلىنىگە يان بېسىش بولۇپ، چۈنكى ئۇلارمۇ ئىلگىرى كىلىن بولۇپ باققان. شۇڭا ئۇلار كىلىن بولغۇچىغا ئاسان ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ ئاسان ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ.
بالا تەربىيەلەش جەھەتتىكى قاراش ئوخشاش بولمىغانلىق سەۋەبىدىن، قېيىنئانا-كىلىن ئوتتۇرسىدا زىددىيەت كۆرىلىدۇ
    بىر قىسىم قېيىنئانىلار، "ئارتۇق ئىشلارغا" ئارىلىشىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، كىلىنى بالىسىغا تەربىيە ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا، قېيىنئانا بولغۇچى ئەڭ قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، بىر ياندا سۈكۈت قىلىشتۇر. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا قېيىنئانا كىلىنىنىڭ بالىسىنى تەربىيەلىشىگە ئارىلىشىۋالسا، كىلىنىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، بۇ سەۋەپلىك ئارىدا زىددىيەت كۆرىلىشى مۇمكىن.
قېيىنئانا-كىلىن زىددىيىتىنى ياخشى بىتەرەپ قىلالماسلىقنى، ئوتتۇرلۇقتا قالغان ئەر كىشىدىن كۆرۈش كىرەكمۇ؟
    ئەر كىشى بۇ جەرياندا قانداق رول ئوينايدۇ؟ ئۇلار بىر تەرەپتىن ئەرلىك رولىنى ئوينايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوغۇللۇق رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر تەرەپ ئايالى، يەنە بىر تەرەپ ئانىسى؛ ئۇ ھەر ئىككى تەرەپنى رەنجىتسە بولمايدۇ، ھەم رەنجىتىشكىمۇ ئامالسىز.
    بىراق، ئەگەر قېيىنئانا-كىلىن ئوتتۇرلۇقىدا زىددىيەت كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، ئەرلىك ھەم ئوغۇللۇق رولىنى ئوينايدىغان بۇ ئەركىشى ئەگەر ئوتتۇرلۇقتا سۈلھى قىلىپ زىددىيەتنى پەسەيتەلمەي، قېيىنئانا بىلەن كىلىن ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنىڭ بارغانسىرى ئۆتكۈرلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، بۇ ئەركىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن بۇلۇمسىز كەلگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.
    ئەگەر ئايال كىشى "تازا ماسلىشىپ كىتەلمىگەن" بىر ئائىلىگە ياتلىق بولۇپ كىرىپ قالسا، يەنى، قېيىنئانىسى خارەكتىرى كۈچلۈك، ئىرى يۇمشاقباش بولۇپ قالسا؛ قېيىنئانىسى قۇسۇر تاپقىلى ئامراق، ئىرى ھېچنىمىنى بىلمەس بولۇۋىلىشقا ئامراق بولۇپ قالسا؛ قېيىنئانىسى تەتۈرلۈك قىلىپ ھەمىشە سەۋەپسىزلا كىلىنىگە ئاچچىقلىنىدىغان، ئىرى بولسا ھېچنىمە دىيەلمەي شۈك تۇرۋالىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ كىلىن قانچىلىك ئۈمىدسىزلىنىپ كىتەر؟
   ئەر كىشىنىڭ ئائىلىدە ئوينايدىغان رولى ھەقىقەتەن بەك مۇھىم بولۇپ، ئەگەر ئۇلار قېيىنئا بىلەن كىلىن مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ تۇرالايدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئائىلە بارغانسىرى بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئەكسىچە بولسا، ئۇلارنىڭ توي تۇرمۇشىمۇ ھەلقۇمىغا يىتىپ قالغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号