ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەر ئىلگىرىكى قىز دوستى بىلەن دوست بولۇپ ئۆتۈشنى خالامدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
    نۇرغۇن كىشىلەر مۇھەببەتلىشىش بىلەن تويلىشىشنىڭ ئۇقۇمىنى ئارىلاشتۇرۋالىدىغان بولۇپ، ھەمىشە بىز بىرگە بولۇپ مۇھەببەتلەشتۇق، شۇڭا بىز ئەلۋەتتە توي قىلالايمىز دەپ قارايدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، مۇھەببەتلىشىش بىلەن توي قىلىش، ئەسىلىدىنلا ئىككىسى ئىككى خىل ئىش؛ بەزىلەر بەلكىم نەچچە ئاي مۇھەببەتلىشىپلا چاقماق تىزلىكىدە توي قىلىشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەر بولسا نەچچە يىل مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىنمۇ، ئاخىرىدا خوشلىشىپ ھەر ئىككىسى ئۆز يوللىرىغا راۋان بولۇشى مۇمكىن.
    يېقىندا، مەن ئوقۇرمەن دوستلار بىلەن بىر مەسىلە توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدىم: ئەگەر سىز قىز سوتىڭىز بىلەن ئايرىلىپ كەتسىڭىز، ئۇنداقتا بۇندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ ئۆتۈشنى خالامسىز؟
تۆۋەندىكىلەر بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر نەچچەيلەننىڭ ئېيتقان كۆڭۈل سۆزلىرى.
  Aئەپەندىم، 25ياش، بويتاق
"مەن ئىلگىرىكى قىز دوستۇمنىڭ تويىغا قاتنىشىپ، ئاخىرى ئۆزۈم بىلەن يارىشىپ قالدىم"
    ئالدىنقى ھەپتە ئىلگىرىكى قىز دوستۇمنىڭ تويىغا قاتنىشىپ كەلدىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئىككى يىل مۇھەببەتلەشكەن، ئايرىلىپ كەتكىلى بولسا بىر يىل بولغان؛ ئۇ ئالدىنقى ھەپتە توي قىلدى، ئەمما مەن تېخىچە بويتاق.
    قارشى تەرەپنىڭ تويىغا قاتنىشىش، بىزنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقتىمىزدا كىلىشىۋالغان ۋەدىمىز؛ ئەينى ۋاقىتتا ئەسلى چاقچاق قىلىشىپ ئولتۇرۇپ، كەلگۈسىدە ئەگەر ئايرىلىپ كىتىپ قالساق، سىز تويۇمغا چوقۇم كىلىڭ دىيىشكەن ئىدۇق.
    توي مۇراسىمى باشلانغاندىن باشلاپ ئاخىرلاشقۇچە، مەن ئادەم بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان بىر بۇرجەككە يۇشۇرنۇپ ئولتۇردۇم، ئاخىرىدا قايتىپ كىتىدىغان ۋاقىتتا، مەنمۇ ئۇنى ئاخىرى كۆڭلۈمدىن چىقىرۋەتتىم.
   نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، ئادەم ئۆز-ئۆزىنى قىيناپ، ئايرىلىپ كىتىپ قالسام كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزەرمەن دەپ ئويلاپ كىتىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، كاللىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ كۆڭلىمىزدىن چىقىرۋەتسەك، ھەممە ئىش ئوڭشىلىپ كىتىدۇ. سىز بىر ئادەمنى ياخشى كۆرگەن، ئەمما ئاخىرىغىچە بىللە ئۆتۈشكە ئامالسىز قالغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ياخشى ئۆتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزمۇ تىنجىپ قالىدۇ.
Bئەپەندىم، 26ياش، مۇھەببەتلىشىش مەزگىلىدە
"مىنىڭ ئەزەلدىن چىڭ تۇرۇپ كەلگەن قارىشىم: ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، قارشى تەرەپنى قايتا ئاۋارە قىلماسلىق كىرەك"
    ئايرىلىپ كەتكەن كۈنى، مەن ئىلگىرىكى قىز دوستۇمنىڭ بارلىق ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىنى يۇۋەتتىم، بىراق ئۈندىداردىن ئەڭ ئاخىرىدا چىقىرۋەتتىم.
    مەن ئۈندىداردىكى ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەربىر ئۇچۇلارنى بىردىنبىر ئاختۇرۇپ كۆرۈپ چىقتىم، ھەممىنى كۆرۈپ بولۇپ، يۈرىكىم ئاغرىشقا باشلىدى، كۆرە-كۆرە ئاخىرى كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى.
    ئەمىلىيەتتە، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، مەن ناھايىتى ئازاپلىنىپ چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم؛ نەچچە ئايغىچە، ئايرىلىپ كىلىش ئېلىپ كەلگەن پىسخىكىلىق توسالغۇدىن چىقالماي قالدىم. كىيىن ھازىرقى قىز دوستۇم بىلەن تۇنۇشۇپ، يىڭى بىر بۆلەك مۇھەببەتنى باشلىدىم.
    ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، ھازىرقى قىز دوستۇم بىلەن توي قىلماقچى بولۇۋاتىمىز؛ مەن ھازىرچە گەرچە ئىلگىرىكى قىز دوستۇمنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كىتەلمىگەن بولساممۇ، ئەمما، بۇندىن كىيىنكى ھاياتىمدا، ئۇنىڭ مىنىڭ تۇرمۇشۇمدا قايتا كۆرۈلىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى مەن ئوبدان بىلىمەن.
Cئەپەندىم، 24ياش، بويتاق
"گەرچە ئەڭ يېقىن ھەمراھلاردىن بولالمىساقمۇ، ئەمما كۆڭۈل سىردىشالايدىغان دوستلاردىن بولساق بولىدۇ"
   ئەمىلىيەتتە، مىنىڭ ئىلگىرىكى قىز دوستۇم بىلەن شۇنداقلا ئايرىلىپ كەتكۈم يوق ئىدى، چۈنكى ئۇ ماڭا ھەمرا بولۇپ پۈتكۈل ئالى مەكتەپ ھاياتىمنى بىللە ئۆتكۈزگەن؛ بىراق ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايدىڭ بولغىنى شۇكى، ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنى ھەرقانچە تۇتۇپ قالىمەن دەپ ئاۋارە بولغان بىلەن، ئاخىرىدا يەنىلا ياخشى نەتىجە چىقىشى ناتايىن ئىدى.
    ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شەھەرگە كەتتى، مەنمۇ يۇرتۇمغا قايتتىم؛ بىز گەرچە قايتا يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ، ئەمما ئوتتۇرلۇقتا بەزى ئالاقىلارنى ساقلاقلىق؛ ناگاندا بىر بىرى-بىرىمىزگە ئۆزىمىز ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىقلار ھەققىدە دەرت تۆكۈشۈپ قويىمىز، ئەلۋەتتە، بەزىدە يېقىندا كۆڭۈل چۈشكۈدەك يات جىنىسلىق ئۇچراتقان ياكى ئۇچراتمىغانلىقىنىمۇ سوراپ قويىمىز.
    مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ، يەنى ھازىر ساقلاپ قالغان دوستلۇقىمىزنىڭ ھامان بىر كۈنى سۈكۈتكە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلىمەن؛ بىراق مەن بۇ قېتىم بىر قېتىم شەخسىيەتچى بولىۋىلىشنى تاللىدىم، ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى قانچىلىك ساقلىغىلى بولسا شۇنچىلىك ساقلاپ ئۆتمەكچى بولۇۋاتىمەن.
    بىر ئادەمنى ئۇنتۇپ كىتىش، ھەقىقەتەن بەك تەس بىر ئىش ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号