ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۈگۈن بالىنىڭ كاللىسىنى تۇغۇپ ئەتىسى بەدىنىنى تۇغقان ئايال
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئەنگىلىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، جەنۇبى ئافرىقىلىق 19ياشلىق ئايال كاجىسۇ.كىگاتلانىڭ تۇغۇتىدا تاساددىبىيلىق كۆرۈلۈپ، بوينى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بوۋاقتىن بىرنى تۇغقان. ئادەمنىڭ تېنىنى تېخىمۇ بەك شۈركەندۈرۈدىغىنى، بالىنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكەن كاللىسى تۇغۇلۇپ 24سائەت ئۆتكەندىن كىيىن، بالىنىڭ باشسىز تېنى ئاندىن ئانىنىڭ قورسىقىدىن تۇغۇلۇپ چىققان.
    خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كاجىسۇ قورسىقىدىكى بالىغا ئالتە ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، جەنۇنى ئافرىقا بوكىسبۇرگدىكى تەنبو خاتىرە دوختۇرخانىسىغا كىلىپ تەكشۈرتۈش قىلدۇرغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا دوختۇر ئۇنىڭغا، بالىدا بەلكىم بىنورماللىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، ھايات قېلىش ئىھتىماللىقنىڭ ئىنتايىن بەك كىچىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بىراق كاجىسۇ، ھەرقانچە چوڭ قىيىنچىلىق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بالىنىڭ ھالىدىن چوقۇم ياخشى خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لىكىن ئۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىنىڭ بېشى بىلەن تېنى ئايرىلىپ كەتكەن ئۆلۈك بالا تۇغۇشىنى ئويلاپ باقمىغان.
    كاجىسۇ ھازىر، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى بېرىپ كۆرۈنگەن بوكىسبورگدىكى تەنبو خاتىرە دوختۇرخانىسىنى ئەرز قىلىشقا تەييارلانغان. كاجىسونىڭ ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى مۇخبىرلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇ بۇ ئەمىلىيەتنى قوبۇل قىلالمايۋاتقان بولۇپ، دوختۇرلار ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتىپ بىرىشى كىرەك ئىكەن.
    ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، يىلى، ئەنگىلىيەدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسە كۆرۈلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ياش بولغان گاللاززى خانىم ھامىلدارلىق 25-ھەپتىسىدىن كىيىن، يۇقىرىدا سۆزلەنگەنگە ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كىلىپ، ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号