ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تايلاندلىق ئەر ئۆز بالىسىنى ئۆلتۈرگەن جەرياننى توردا تارقاتتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئەنگىلىيە BBCنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، تايلاند ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تايلاندلىق بىر ئەر تور ئىجتىمائى ئالاقە قورالى لىيەنشۇدا، ئۆز قىزىنى ئۆلتۈرگەن جەرياننى نەخ مەيداندىن بىۋاستە تارقاتقان. بۇ ئەر بۇ يىل 21ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ئەمدى 11ئايلىق بولغان قىزىنى جىپ ئارىلىدىكى بىر مىھمانخانىغا ئېلىپ بېرىپ، بىر تال ئارغامچىنى ئۇنىڭ بوينىغا يۆگەپ ئۇنى ئېسىپ ئۆلتۈرگەندىن كىيىن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. ئۇ ئەر، رەھىمسىزلىككە ۋە قاباھەتكە تولغان بۇ جەرياننى سۈرەتكە ئېلىپ، نەخ مەيداندىن بىۋاستە تورغا چىقىرىپ تارقاتقان. ساقچىلار نەخ مەيدانغا يىتىپ بارغاندا، ئەر بىلەن قىز بوۋاق ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولغان. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەرنىڭ بۇنداق ئادەم قىلىپىدىن چىققان قىلمىشنى سادىر قىلىشىدىكى سەۋەپ، ئۇنىڭ ئايالى بىلەن جىدەللىشىپ قالغانلىقى ئىكەن.
   لىيەنشۇ شىركىتى، بۇ مەيدان تىراگىدىيەگە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ھىسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە نەخ مەيداندىن تارقىتىلغان سۈرەتلىك فىلىمنى توردىن ئۆچۈرۋەتكەن. بىراق، چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، فىلىم تورغا چىقىرىلىپ، ئاخىرىدا ئۆچۈرۋىتىلگەنگە قەدەر، ئارىلىقتا 24سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئارىلىقتا ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلغان ھەمدە چىكىلىش قېتىم سانى 300مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن.
   بۇ نەخ مەيدان سۈرەتلىك فىلىمى بىرلا ۋاقىتتا يەنە YouTube تورىغىمۇ چىقىرىلغان؛ ئەمما BBC بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتقاندىن كىيىن، YouTube شىركىتى دەرھال بۇ فىلىمنى ئۆچۈرۋەتكەن؛ ئەمما قىسقىغىنا 15مىنۇت ئىچىدە، بۇ فىلىمنىڭ قويۇلۇش قېتىم سانى 20مىليۇن قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن.

   قىزنىڭ دەپنە مۇراسىمى
   بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىلگىرىكى بىللە چۈشكەن سۈرىتى

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号