ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قىزنىڭ يۈزى بىخلاپ كەتسە، دوختۇرلار ھاياجانلىنىپ كەتتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىرغا كەلگۈچە پەقەت ئەرلەردىلا كۆرۈلۈپ باققان، ئىنتايىن ئاز كۆرىلىدىغان بىر خىل كىسەللىك بار بولۇپ، بۇ خىل كىسەللىك "دەرەخ ئادەم كىسىلى" دەپ ئاتالغان كىسەللىكتۇر. ئەمما يېقىندا، بۇ خىل كىسەللىككە گىرىپتار بولغان تۇنجى ئايال بايقالدى. بىنگاللىق 10ياشلىق قىز ساخانا.كاتۇن، ئەسلىدە باشقا كىچىك قىز بالىلارغا ئوخشاش بالىلىق دەۋرلىرىنى خۇشاللىققا تولغان غەمسىز ھالەتتە ئۆتكۈزىشى كىرەك ئىدى؛ بىراق يېقىندا ئۇنىڭ زاڭاق، قولاق ۋە بۇرۇن قىسىمىغا دەرەخ قوۋزاقلىرىغا ئوخشاپ كىتىدىغان سۆگەللەر چىقىپ قېلىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى 180گىرادوس ئۆزگەرتىۋەتتى. ھازىر دوختۇرلار ئالاقىدار ئەۋرىشكە نۇسخىلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭ دىئاگونۇزى جەزىملەشتۈرۈلسە، ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى "ئايال دەرەخ ئادەم" بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن.
    بىراق، ساخانا ھەركۈنى ئۈمىدكە تولغان ھالەتتە ياشاۋاتقان بولۇپ، ھەرگىز ئۆزىنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ قويمىغان. بۇ خىل كىسەللىك تىبابەت ساھەسىدە "دەرەخ ئادەم كىسىلى" دەپ ئاتىلدىغىان بولۇپ، بىمارلارنىڭ بەدىنىگە دەرەخ قوۋزىقىغا ئوخشاپ كىتىدىغان سۆگەل چىقىپ قالىدىكەن ھەمدە كۈندىلىك تۇرمۇشقا بەزىبىر قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ باشقىچە نەزەردە قاراشلىرىغا بەرداشلىق بىرىشكە توغرا كىلىدىكەن. نۆۋەتتە، پۈتكۈل يەر شارىدا بايقالغان بۇ خىل كىسەللىككە گىرىپتار بولغان بىماردىن ئاران تۆتى بار بولۇپ، ئىنتايىن بەك ئاز ئۇچرايدىغان كىسەللىك ھىسابلىنىدىكەن. بىراق، ساخانانىڭ تەلىيى تەتۈر كىلىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىگە ئايلانغان.
    ساخانا، بۇ خىل كىسەللىككە گىرىپتار بولغان تۇنجى ئايال كىشى بولۇپ، تىبابەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەتقىقات ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ ئىكەن؛ دوختۇرلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قېتىم بۆسۈش خارەكتىرلىك ئىلگىرلەشكە ئىرىشىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن زور ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号