ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئىنسانلارنىڭ جىسمانىيىتىگە ئائىت سىز بىلمەيدىغان ساۋاتلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئىنسانلارنىڭ جىسمانىيىتى، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق ھەم ئەڭ مۇكەممەل كەلگەن نەرسە. ئالىملار نەچچە مىڭ يىل ئىزدىنىپمۇ، ئادەم بەدىنىدىكى سىرلارنى تۇلۇق يىشىپ بولالمىغان. سىز، ئىنسانلارنىڭ بىردىنبىر زاڭىقى بار جانلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؛ سىز ئىنسانلاردا نىمە ئۈچۈن توخۇ ئەت كۆرىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئىنسانلارنىڭ باش بارمىقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئايرىم تۇمۇر سوقۇشى بارلىقىنى بىلەمسىز؟ تۆۋەندە، ئىنسانلار جىسمانىيىتىگە ئائىت بولغان، ھەيران قالارلىق ساۋاتلارنى كۆرۈپ بېقىڭ!
   1. چىشىمىزنى چوتكىلىغان ۋاقتىمىزدا، بەك كۈچەپ چوتكىلاپ سېلىشىمىز مۇمكىن؛ بۇنداق قىلىش چىش ئېمالىنى زەخمىگە ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ چىشى سۇغۇق ۋە ئىسسىق يىمەكلىكلەرگە سەزگۈر بولۇپ قالىدۇ.
   2. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىدا توخۇ ئەتنى تۈرلەندۈرۈپ چىقىرىشىدىكى سەۋەپ، بەدىنىدىكى تۈكلەرنى تىك تۇرغۇزۇپ، دۈشمەنلەرگە بولغان تەھدىتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر.
   3. ئەقىل چىشىنىڭ ھېچقانداق رولى يوق. ئۇلار پەقەت نەچچە يۈز مىڭ يىل ئىلگىرىدىن قالغان نەرسە. قەدىمقى زاماندىكى ئىنسانلارنىڭ چوڭ مىڭىسى بارغانسىرى يوغىناپ كەتكەن بولغاچقا، ئېغىز ئىچكى بوشلۇقى كىچىكلەپ كەتكەن ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئۈچىنچى چوڭ ئېزىق چىشنى قىستاپ چۈشۈرۋەتكەن.
   4. ئالىملار، بىزنىڭ ئەسنىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى تېىى پۈتۈنلەي ئىنىق بىكىتىپ بولالمىدى؛ ئەمما ئەسنەش، بەدەن تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.
   5. ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ تىرنىقى ئۆسۈشتىن توختايدۇ.
   6. ئەگەر ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق قان تۇمۇرلارنى ئۆز-ئارا ئۇلاشتۇرۇپ يايغاندا، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەرشارىنى تۆت قېتىم ئايلىنىپ چىقىشقا يىتىدۇ.
   7. ئىنسانلار بولسا، بىردىنبىر زاڭىقى بار جانلىق.
   8. ئادەم نەپەس ئالغان ۋاقتىدا، كۆپ قىسىم ھاۋا ئادەمنىڭ بىر بۇرۇن تۆشۈكچىسىدىن كىرىپ چىقىدۇ؛ ھەر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كىيىن، يەنە بىر بۇرۇن تۆشۈكچىسىگە ئالمىشىدۇ.
   9. بەدەندىكى قان سۇيۇقلۇقى، ئادەم بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %8نى ئىگەللەيدۇ.
   10. ئىنسانلارنىڭ بۇرنى، بىر تىرلىيۇندىن ئارتۇق پۇراقنى پۇرىيالايدۇ.
   11. ئادەمنىڭ گەرچە ئىككى بۆرىكى بار بولسىمۇ، ئەمما بىر بۆرەك بولسىلا داۋاملىق ھايات ساقلىنالايدۇ.
   12. ئادەمنىڭ كىندىكىدە ئالاھىدە بىر خىل تۈك ئۆسۈپ چىقىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن كىيىمدىكى پاختا تالالىرىنى تۇتىۋالىدۇ.
   13. بارماقلىرىمىزنى كىرىشتۈرۈپ ئەگكەن ۋاقتىمىزدا چىقىدىغان قاراسلىغان ئاۋازلار، بوغۇملار ئىچىدىكى ھاۋا كۆپۈكچىلىرىنىڭ يېرىلغاندىكى ئاۋازىدۇر.
   14. تىرە، ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ ئەزا ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدەن ئېغىرلىقنىڭ %15نى ئىگەللەيدۇ.
   15. ئادەمنىڭ باش بارمىقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئايرىم تۇمۇر سوقۇشى بار بولىدۇ.
   16. ئادەمنىڭ تىلى 8تال مۇسكۇلدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى پىلنىڭ بۇرنىغا ياكى سەككىز ئاياغلىق سىياھ بىلىقنىڭ پۇتلىرىغا ئوخشايدۇ.
   17. بارلىق ئىنسانلارنىڭ گېنىنىڭ %99دىن ئارتۇق قىسىمى ئوخشاش كىلىدۇ.
   18. پاچاق، ئادەم بەدىنىدىكى قىچىشىشتىن ئەڭ قورقىدىغان قىسىملارنىڭ بىرى.
   19. كۆز تاشقى قىسىم مۇسكۇلى، ئادەم بەدىنىدىكى يۆتكىلىش سۈرئىتى ئەڭ تىز مۇسكۇل بولۇپ، ئۇلار ئادەمنىڭ كۆزىنى 50 مىللىسىكونت(0.05سىكونتقا تەڭ) ئىچىدە ئوخشاش بىر نىشانغا قارىتىپ ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ.
   20. "بادام مېغىزى يادروسى(چىكە ياپراقچىسىنىڭ ئالدى ئۇچىدىكى كۈل رەڭ تۈگۈن) سەقەنقۇرىنى كىسىپ ئېلىۋىتىش ئوپراتسىيىسى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تاشقى كىسەللىكلەر ئوپراتسىيىسى بار بولۇپ، بۇ خىل ئوپراتسىيەدە ئادەم چوڭ مىڭىسىدىكى بادام مېغىزى يادورسىنىڭ يېرىم قىسمىنى كىسىپ ئېلىۋىتىش ئارقىلىق، بىماردىكى تەشۋىشلىنىش تۇيغۇسىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
   21. قارى رەڭنى يوقىتىش ھورمىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان غوزىسىمان مىڭە ئۈستى بېزى، تاشقى شەكىل جەھەتتىن شەمشاد غوزىسىغا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن غوزىسىمان مىڭە ئۈستى بېزى دەپ ئاتالغان.
   22. ئادەمنىڭ چېچىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز بولۇپ، ھەريىلى تەخمىنەن 15سانتىمىتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى بىردىنبىر ئۆسۈش سۈرئىتى چاچتىنمۇ تىز بولغىنى، يىلىكتۇر.
   23. بارماق ئىزىنىڭ ھەقىقى رولىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ؛ بىراق ئۇلار بەلكىم قولىمىزدىكى سۇ تەركىبلىرىنى سۈمۈرۈپ كىتىشكە، سۇ كۆپۈكچىلىرى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى تىگىشىش سىزىمىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.
   24. ئوتتۇرىچە ئۆمۈر بويىچە ھىسابلىغاندا، ئادەمنىڭ يۈرىكى بىر ئۆمرىدە 3مىليارد قېتىم سوقىدۇ.
   25. ئادەمنىڭ يۈزىنىڭ قىزىرىشىنى، بەدەندىنى ئادرىنالىننىڭ(肾上腺素) جىددى سۈرئەتتە ئېشىپ كىتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号