ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۆلىتىمىزدىن ئالتە ئادەم بۇ يىللىق دۇنياۋى بايلار قاتارىغا كىردى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-20 كۆرۈلىشى : قېتىم

    يېقىنقى زامان كاپىتالىستىك سىنىپىنىڭ روناق تېپىشى، تۈركۈملىگەن كاپىتالىستلارنى مەيدانغا چىقاردى؛ بولۇپمۇ ياۋرۇپا ۋە شىمالى ئامىرىكا قىتئەسىدىكى بەزىبىر بۇرۇنلا تەرەققى تاپقان كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە، كاپىتالىستلارنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن كىيىن، دۆلىتىمىزدىمۇ بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ زور دەرىجىدە روناق تېپىشىدەك ئالتۇن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دۇنيا سەھنىسىگە يۈزلەندى. 2019-يىلى ئەڭ يىڭىدىن ئېلان قىلىنغان فۇربىس "يەر شارىدىكى ئالدىنقى ئوتتۇزىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كاتتا بايلار" تىزىمىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزىدىن ئالتە نەپەر كارخانىچى ئورۇن ئالغان بولۇپ، مەلۇم نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەھۋالىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ.
    دۆلىتىمىزدىن تىزىملىككە كىرگەن بايلارنىڭ ئىچىدە ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ۋاڭ جىيەنلىن. ۋاڭ جىيەنلىك ئۆي-زىمىن تىجارىتىگە تايىنىپ باش كۆتۈرگەن بولۇپ، ئۇ دالىيەن ۋەندا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى. ۋاڭ جىيەنلىن، 70-يىللىرى ئەسكەرلىككە كىرگەن بولۇپ، ئەسكەرلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغاندىن كىيىن، دالىيەن ۋىلايىتىنىڭ رەھبىرى بولغان؛ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ۋەندا شىركىتىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە باشلاپ، دۆلەت ئىچى ئۆي-زىمىن ئېچىش يولىغا ماڭغان. 2015-يىلى ۋاڭ جىيەنلىن تېخى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا دۆلىتىمىزدىكى بىرىنچى باي ئورنىغا چىققان؛ ئەمما يېقىنقى ئىككى يىلدىن بىرى ئارقا-ئارقىدىن مەبلەغنى قايتۇرۇپ چىقىپ، چوڭ تىپتىكى ئۆي-زىمىن ئېچىش ساھەسىدىن، كۆپ قۇتۇپلاشقان يىنىك تۈردىكى مەبلەغ سېلىشقا يۈزلىنىشكە باشلىغان. 2019-يىلى، ۋاڭ جىيەنلىق 30مىليارد ئامىرىكا دوللىرىلىق مال-مۈلۈكى بىلەن، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئوتتۇز باينىڭ ئىچىدە يىگىرمە ئالتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.
    دۆلىتىمىزدىن تىزىملىككە كىرگەن بايلارنىڭ ئىچىدە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى لى جاۋجى. لى جاۋ جى ئۆي-زىمىن تىجارىتىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن بولۇپ، شىياڭگاڭدىكى ئاتاقلىق ئۆي-زىمىن تەرەققىيات سودىگىرى. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا، لى جاۋجىنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئالتۇن ۋە تاشقى پىرىۋوت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن پۇلدار ئىدى، لى جىياجىمۇ كىچىكىدىن باشلاپ خۇسۇسى مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇ ئون ياش ۋاقىتدا، دادىسى ئۇنىڭغا جۇڭشەن داشۆسىنىڭ پىروفىسسورىنى ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىپ بەرگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، شىياڭگاڭدا ئۆي-زىمىن ئېچىش ئەۋج ئالغان بولۇپ، لى جاۋجى ئۆي-مۈلۈكنىڭ پىرىۋوتقا قارىغاندا بەكرەك قىممىتى ئاشىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۆي-زىمىن تەرەققىيات ساھەسىگە كىرىش قىلغان ھەمدە كەينى كەينىدىن شىن خۇڭجى ئۆي-زىمىن مۈلۈكچىلىكى، خېڭجى جاۋيې قاتارلىق شىركەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 2019-يىلى، لى جاۋجى 30مىليارد 300مىليۇن ئامىرىكا دوللىرىلىق مال-مۈلۈكى بىلەن، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئوتتۇز باينىڭ ئىچىدە يىگىرمە تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.
    دۆلىتىمىزدىن تىزىملىككە كىرگەن بايلارنىڭ ئىچىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى شۈ جىيايىڭ. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى داڭلىق ئۆي-زىمىن تەرەققىيات سودىگىرى، ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى خېڭدا ئۆي-زىمىن مۈلۈكچىلىكى، خېڭدا بىڭچۈەن، خېڭدا كۇلۇبى قاتارلىقلار، دۆلەت ئىچىدە خېلىلا داڭقى بار شىركەتلەردىندۇر. شۈ جىيايىڭ خېنەن ئۆلكىسى جوۋكوۋ ۋىلايىتىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يوللىرى قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا تولغان. ئۇ ئىلگىرى ئۆيىدە دىھقانچىلىق قىلىپ باققان، پولات زاۋۇتىدا پولات تاۋلاش ئىشچىسى بولغان، ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ باققان، ئاخىرىدا ئاندىن ئۆي-زىمىن تەرەققىيات ساھەسىگە بۆسۈپ كىرگەن. شۈي جىيايىڭ ئىلگىرى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان ھەمدە كەينى-كەينىدىن 8يىل،  "جۇڭخۇا ساخاۋەت مۇكاپاتى"غا ئىرىشكەن بولۇپ، خەلق ئارىسىدىكى نامى خېلىلا ياخشى. 2019-يىلى، شۈ جىيايىڭنىڭ مال-مۈلكى لى جاۋجىنىڭ مال مۈلكى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان بولۇپ، لى جاۋ جى بىلەن بىرلىكتە، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئوتتۇز باينىڭ ئىچىدە يىگىرمە تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.
    دۆلىتىمىزدىن تىزىملىككە كىرگەن بايلارنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى لى جىياچىڭ. لى جىياچىڭ ھەققىدە ئارتۇق سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇمۇ نام قازانغان ئۆي-زىمىن سودىگىرى بولۇپ، ئىلگىرى دۆلىتىمىزدىكى بىرىنچى باي ئىدى. ھازىر لى جىياچىڭ "قېچىپ كەتكەن" بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى بارلىق مەبلەغ ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ يېغىشتۇرۇپ، ئەنگىلىيەگە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن كەتتى. ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىرقى ئەنگىلىيەنىڭ ئىلىكتىرى قۇۋۋىتى ساھەسىدە، تۆتتىن بىر قىسمى لى جىياچىڭ جەمەتىنىڭ مۈلكى ئىكەن، بۇندىن باشقا تەبىئى گاز ساھەسىدىمۇ ئۈچتىن بىر قىسىمنى ئىگەللەيدىكەن. يۇقىرقىلاردىن باشقا، ئەنگىلىيە كۆچمە خەۋەرلىشىش ساھەسىمۇ لى جىياچىڭ تەرپىدىن كونتىرول قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىم خۇاۋىي شىركىتىنىڭ 5G پىلانىنىڭ ئەنگىلىيەدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىقىدا، لى جىياچىڭنىڭمۇ تۆھپىسى بار ئىكەن.
    دۆلىتىمىزدىن تىزىملىككە كىرگەن بايلارنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى مايۈن. ئۆي-زىمىن شىركىتىنىڭ خوجايىنى ئەمەس بايدىن ئاخىرى بىرسى چىقتى. مىنىڭچە مايۈن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە تۇنۇشلۇق بولسا كىرەك؛ مايۈن، ئالى بابا مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، جىفۇباۋ، تىيەنماۋ، تاۋباۋ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مايۈننىڭ ئىگىلىكى؛ ئۇ ئىلىكتىرونلۇق پۇل تۆلەش ۋە توردا مال سېتىۋىلىش كەسپى ئارقىلىق ئۆزىگە تەۋە بىر پارچە زىمىن ئېچىپ چىقتى. ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەن بايلارنىڭ ھەممىسى ئۆي-زىمىن ئوقەتچىلىكىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن، مايۈن بولسا، مەۋھۇم ئىلىكتىرون تور سودىسىنى ئاساسى كەسىپ قىلىپ، يىڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخىنىكا ئىنقىلابىنىڭ ئەركىسىگە ئايلاندى. 2019-يىلى، مايۈن 39مىليارد ئامىرىكا دوللىرىلىق مال-مۈلۈكى بىلەن، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئوتتۇز باينىڭ ئىچىدە يىگىرمىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.
    دۆلىتىمىزدىن تىزىملىككە كىرگەن بايلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ما خۇاتېڭ. تېڭشۈن شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ما خۇاتېڭ، ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى بىرىنچى باي؛ ئۇ كۆڭۈل ئېچىش، ئىلىكتىرونلۇق ئويۇن، ئىجتىمائى ئالاقە قاتارلىق كۆپلىگەن يۆنىلىشتىن چىقىش قىلىپ، ئۆزىنىڭى تېڭشۈن ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۇ ئىزچىل تۈردە تورداشلار تەرپىدىن كۆچۈرمىكەشلىك  قىلىپ راۋاج تاپقان دەپ مەسخىرە قىلىنىپ تۇرسىمۇ، ئەمما بۇ تېڭشۈن شىركىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەسىر كۈچىگە قىلچىلىك تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ماخۇاتىڭ، 45مىليارد 300مىليۇن ئامىرىكا دوللىرىلىق مال-مۈكلى بىلەن، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئوتتۇز باينىڭ ئىچىدە ئون يەتتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号