ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
    لى جىياچىڭ، دۆلىتىمىز سودا ساھەسىدىكى بايراقدار شەخىس ۋە تەڭدىشى بولمىغان مۆجىزە ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سودا ئىقتىدارى ھەممە ئىتراپ قىلىدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك. ئەمىلىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ كەتكەن ۋاقىتمۇ ئىنتايىن ئاز بولۇپ، سودا ساھەسىدىكى ھەقىقى تۈردىكى "دائىملىق يەڭگۈچى سانغۇن" ھىسابلىنىدۇ.
    لى جىياچىك سودا تىجارىتى داۋامىدا نىمە ئۈچۈن ئىنتايىن ئاز زىيان تارتىدۇ؟ ئۇ سودا تىجارىتى جەھەتتە قانداق قىلىپ دائىملىق يەڭگۈچى ئورنىغا چىقالىغان؟ بۇنىڭدا مۇھىم بولغىنى، بۇمۇ ئۇنىڭ دائىم يەڭگۈچىگە ئايلىنىشىنىڭ سىرى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ "پايدىغا ئىنتىلىپ، زىياندىن ئۆزىنى قاچۇرۇش" دىگەن بىر ئېغىز سۆزدۇر. بۇ بىر ئېغىز سۆزنى ئاددى چاغلاپ قالماڭ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىكى ئادەمنىڭ ھەممىسى پايدىغا ئىنتىلىپ زىياندىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؛ ئەمما بۇنى ھەقىقى تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرالىغان ئادەمدىن نەچچىسى بار؟
    ئۇنداقتا لى جىياچىڭ، "پايدىغا ئىنتىلىپ، زىياندىن ئۆزىنى قاچۇرۇش" دىگەن بۇ نوقتىنى قانداق تۇنۇپ يەتكەن؟ بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئىشقا سوزۇلىدىغان بولۇپ، دەل ئاشۇ قېتىملىق ئىش، ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك سودا ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە ئۇنىڭ سودا رىۋايىتىگە ئاساسى ھۇل سالغان.
     22ياش ۋاقتىدا، لى جىياچىڭ چاڭجىياڭ سۇلياۋ زاۋۇتىنى قۇرۇپ، سودا ساھەسىدە بەلگىلىك نەتىجە قازىنىشقا بەل باغلىغان؛ بىراق ئويلىمىغان يەردىن، ناھايىتى تىزلا بىر قېتىملىق ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن.
    ئىگىلىك تىكلەش دەسلەپكى مەزگىلىدە، لى جىياچىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە سودا تىجارىتىگە ماھىر كەلگەن كاللىسىغا تايىنىپ، بەزىبىر كىچىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. بىراق چاڭجىياڭ سۇلياۋ زاۋۇتى كىچىك بىر زاۋۇت بولۇپ، ئۇ ئىزچىل تۈردە زاۋۇتنى تېخىمۇ كېڭەيتىش پۇرسىتى ئىزدەپ يۈرەتتى. مەلۇم بىر كۈنى، چاڭجىياڭ زاۋۇتى تۇيۇقسىز ئامىرىكا تەرەپتىن كەلگەن چوڭ زاكاستىن بىرنى قوبۇل قىلدى؛ بىراق قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، لى جىياچىڭدىن ئالدى بىلەن بىر يۈرۈش توققۇز نۇسخىدىكى سۇلياۋ تەشتەك گۈل نۇسخىسىنى لايىھەلەپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە بۇ لايىھەنى كۆرگەندىن كىيىن، ئۇلار ئاندىن زاكاسنى رەسمى بىكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    بۇ ۋاقىتتا لى جىياچىك ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتكەن؛ چۈنكى بۇ چوڭ زاكاسنى قولغا كەلتۈرەلىسلا، ئۇنىڭ چاڭجىياڭ زاۋۇتى چوڭ بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرلىيەلەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، لى جىياچىڭ نەچچە ئاخشام ئۇخلىماي، خىرىدار تەرەپ رازى بولغۇدەك سۇلياۋ تەشتەك گۈل نۇسخىسىنى لايىھەلەپ چىقتى ھەمدە تىز سۈرئەتتە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، بارلىق مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىپ بولغاندىن كىيىن، لى جىياچىڭنى كۈتىۋالغىنى قاباھەتلىك بىر چۈش بولدى.
    ئەسلىدە، زاكاس چۈشۈرگەن ئامىرىكىلىق خېرىدارنىڭ مەبلەغ زەنجىرى تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن، تىجارىتىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ، ئامالسىز قالغان ئەھۋال ئاستىدا، چاڭجىياڭ زاۋۇتىغا چۈشۈرگەن بۇ زاكاسنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى؛ قارشى تەرەپ تېلفوندا قايتا-قايتىلاپ چۈشەندۈرۈپ ئەپۇ سورىدى، ئۇلارنىڭ پوزۇتسىيىسى ئىنتايىن سەمىمى ئىدى. بۇ قېتىملىق ۋەقە، گەرچە توغرا چۈشىنىشكە تىگىشلىك تاساددىبىيلىق بولسىمۇ، ئەمما باشقا بىر ئادەم بولسا بەلكىم ئاچچىقلىنىپ يۈز ئۆرىشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى، مال زاكاس توختامى ئىمزالىنىپ بولغاندىن كىيىن، بىر تەرەپلىمە ھالدا مەبلەغ يىتىشمەسلىكنى باھانە قىلىپ زاكاسنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئادەمگە سودىنى ئويۇن ئورنىدا كۆرگەنلىكتەك تۇيغۇ بىرىپ قوياتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، چاڭجىياڭ زاۋۇتى تەرەپتىمۇ مەبلەغ ئىنتايىن قىس بولۇپ، بۇ قېتىملىق زاكاسنىڭ تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى، ئۇلارغا چوڭ زىيان ئېلىپ كىلەتتى، شۇڭا چاڭجىياڭ زاۋۇتى تەرەپ، قارشى تەرەپتىن توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىدى.
   ئۇنداقتا، لى جىياچىڭ ئاخىرىدا زادى قانداق قىلغان؟ ئۇنىڭ تاللىشى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان چىققان! ئۇ ناھايىتى چوڭ سۈپەتلىك بىلەن قارشى تەرەپكە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: "سىلەر زاكاسنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولساڭلار ھېچۋەقەسى يوق؛ مەھسۇلات نۇسخىسىنى مەن لايىھەلەپ بولغان، ئۇنى سىلەرگە سوۋغا قىلاي، بۇنىڭدا سىلەر كىيىنچە يەنە بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساتماقچى بولساڭلار، يەنە لايىھەلەشكە ئادەم ئىزدەپ ئاۋارە بولمايسىلەر". لى جىياچىڭنىڭ بۇ تاللىشى، گەرچە چاڭ جىياڭ زاۋۇتىغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامىرىكىلىق خىرىدارنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن؛ ئۇلار لى جىياچىىڭنىڭ بۇنچە ئىسىل ساپالىق ئىكەنلىكىدىن ھەم كەڭ قورساقلىقىدىن ھەيران قالغان.
    كىيىن، لى جىياچىڭ سودا تىجارىتى جەريانىدا كىچىك بولمىغان بىر قېتىملىق كىرزىسقا دۇچ كىلىپ، مەلۇم مىقداردىكى ئايلانما مەبلەغكە جىددى ئىھتىياجلىق بولۇپ قالغان؛ بۇ ۋاقىتتا، بىر ئادەم ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن لى جىياچىڭنى ئىزدەپ كەلگەن ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلىپ، لى جىياچىڭنىڭ شىركىتىگە نۇرغۇن مەبلەغ قوشقان. لى جىياچىڭ بۇ ئادەمنىڭ قىلمىشىدىن ھەيران قالغان؛ چۈنكى لى جىياچىڭ بۇ ئادەمنى ئەسلا تۇنۇمايتتى. كىيىن ئۇنىڭدىن سورىغاندىن كىيىن، لى جىياچىڭ بۇ ئادەمنىڭ ئەسلىدە، ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن زاكاسنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئامىرىكىلىق خىرىدار تۇنۇشتۇرۇپ ئەكەلگەن ئادەم ئىكەنلىكىنى ئاندى بىلگەن.
    بۇ قېتىملىق ئىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، لى جىياچىڭ ئۆز كۆڭلىدىكى، "تىجارەت قىلىشتا ئاۋال ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش كىرەك" دىگەن تىجارەت يىتەكچى ئىدىيىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. بىر تەرەپتىن، ئۇ بۇ قېتىملىق كىرزىسىنىڭ بۇنداق ئويلاپ باقمىغان بىر شەكىلدە ھەل بولۇپ كىتىشى سەۋەپلىك، زور ۋاقىت سەرپ قىلىپ، سودا تىجارىتىدە قانداق قىلىپ "پايدىغان يۈزلىنىپ زىياندىن ئۆزىنى قاچۇرۇش" ھەققىدە ئويلىنىشقا بالىدى؛ ئۆزى ئەگەر تاسادىبەن مەغلۇپ بولسا قانداق قىلىش كىرەكلىكى ھەققىدە ۋە قانداق قلىپ كىرزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى كىرزىسنى ھەل قىلىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئويلاندى. كىيىنچە، ئۇ ئۆزىگە توختىماستىن نۇرغۇنلىغان پەرەز خارەكتىرلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ، كەينىدىن بۇ مەسىلىەرنى ھەل قىلىش لايىھەلىرى ئۈستىدە ئويلاندى. مۇشۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، لى جىياچىڭ ئۆز ئۆمرىدىكى سودا تىجارىتى جەريانىدا ئاساسى جەھەتتىن زىيان تارتىپ قالمىدى؛ ئەلۋەتتە، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تەبىئىيلا سودا ساھەسىدىكى "دائىملىق يەڭگۈچى سانغون"غا ئايلاندى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号