ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئەرلەر ساغلاملىقى
ئەرلەر تۆت ئىشنى كۆز-كۆز قىلماسلىقى لازىم!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە ئەرلەر كەمتەر بۇلۇشنى ھەرگىز ئىسىدىن چىقارماسلىقى لازىم ؛ كەمتەر كەلگەن كىشىلەر ئاسانلىقچە خاتالاشمايدۇ ، تۇرمۇشتىكى ھەرخىل ئۆتمۈشلەر كەمتەر ئەر كىشىنىڭ تېخىمۇ ئامەتلىك كىلىدىغىنىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. ئەمما كەمتەر بۇلۇشنى قابىلىيەتسىز دەپ چۈشىنىۋالساق بولمايدۇ ، ئەكسىچە كەمتەر ئەرلەر ناھايىتى مۇنەۋۋەر ۋە قابىل كىلىدۇ ، ئۇلار كۆپىنچە ھاللاردا يۇقىرى مۇقامدا ئىش كۈرۈپ ، كەمتەرلىك بىلەن ئادەم بۇلىدۇ . رىئاللىقتا بۇخىلدىكى كىشىلەر مىڭنىڭ ئىچىدىن بىرسى تېپىلىدىغان كىشىلەر ،ھېچبولمىغاندا ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارغا نىسبەتەن ،كەمتەرلىك ئەڭ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ،چۈنكى مۇبادا ئۇلار ئازراقلا دىققەت قىلماي قالسا تۇرمۇشتا زەربىگە ئۇچراپ، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يىتىدۇ، ئاخىرىغا كەلگەندە ئائىلىسى بۇزۇلۇپ، تۇرمۇشنىڭ تاشلاندۇقىغا ئايلىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ .
    كەمتەرلىك بۇنچىلىك مۇھىم بولغانىكەن، ئۇنداقتا بىر ئەر كىشىنى كەمتەرمۇ ئەمەس قانداق ھۆكۈم قىلىش كىرەك؟ ئەرلەرنىڭ " كەمتەرلىكى" گە قانداق ئىنىقلىما بىرىش كىرەك ؟  ئادەتتە مەيلى قەستەنلىكتىن ياكى ئىھتىياتسىزلىقتىن بولسۇن ،سىرتقا تۆۋەندىكى تۆت ئىشنى كۆز كۆز قىلمايدىغان ئەر كىشى ھەقىقى تۈردىكى پىشىپ يىتىلگەن ، ئېغىر بېسىق بولغان ، ئەرلىكنىڭ مەنىسىنى ۋە ئىسىل بۇلۇشقا تىگىشلىك تەرەپلىرىنى ھەقىقى چۈشىنىپ يەتكەن ياخشى ئەرلەر ھىسابلىنىدۇ .
1. بايلىقىنى كۆز كۆز قىلماسلىق
    كونىلاردا " بايلىقىڭنى سىرتقا ئاشكارلىما " دىگەن سۆز بار ؛ بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ مەنىسى ناھايىتى ئىنىق بىلىنىپ تۇرىدۇ ، يەنى قانچىلىك مال دۇنيارىڭىز بارلىقىنى، سىز ئۆزىڭىز بىلسىڭىزلا بولدى ، بوينىڭىزغا ناھايىتى توم ئالتۇن زەنجىرلەرنى تاقاپ ، قاما پەلتۇلارنى كىيىپ ، ئۆزىڭىزنىڭ ناھايىتى پۇلدار ئىكەنلىگىنى كۆز كۆز قىلمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . ھەقىقى پۇلدارلارنىڭ بۇنداق ئۆزىنى كۆرسىتىشى كەتمەيدۇ ، ئەكسىچە بۇنداق ئۆزىنى كۆرسىتىدىغانلار كىشىگە بىر خىل ياسالمىدەك تەسىر بىرىپ ئاسانلا ئاشكارلىنىپ قالىدۇ .
    ياشلار قىزىققان ، ئۆز مەيلىچە ئىش كۈرىدىغان ، ئۆز-ئارا بەسلىشىشىنى ياقتۇرىدىغان بۇلۇپ ، مۇبالىغىلاشتۇرۇلغان تۇرمۇش ئۇسلۇبىنى ياخشى كۈرىدۇ ؛ ئۇلار ھەدىسلا ئالى ماشىنلارنى ھەيدىۋىلىپ ، پۇللارنى بۇزۇپ چېچىپ ، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ پۇلدار ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىماقچى بۇلىدۇ ،ئەمما بۇ خىل ھالەت پەقەت ئۇلارنىڭ بالىلىق خارەكتىدىكى شۆھرەتپەرەسلىك بۇلۇپ ، بۇلارنى ھەر ھالدا توغرا چۈشىنىشكە بۇلىدۇ .
    ئەگەر سىز ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندىن كىينمۇ يەنە مۇشۇنداق قىلىپ يۈرسىڭىز ، سىز ھەقىقەتەن بايلىق ئىگىسى بولغان تەقدىردىمۇ ، يەنىلا سىزنى ساپاسىز كۆرسىتىپ قويىدۇ . بىلىشىڭىز كىرەككى دۇنيادا پۇل ۋە بايلىقى سىزنىڭكىدىن كۆپ كىشىلەر نۇرغۇن بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا سىزنىڭ بايلىقىڭىز ناھايىتى قۇملۇقتىكى بىر تال قۇم دانىسىچىلىكلا خالاس.
    پىشىپ يىتىلگەن ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئادەتتە ئۆزىنى ئاشكارلىماي ،جىمجىت يۈرىدۇ ؛ بانكا ئامانەت قالدۇقىنىڭ توختىماي ئۆرلىشىدىن ئۆز كۆڭلىدە يۇشۇرۇنچە خوش بۇلىدۇ ، باشقا كىشىلەرنىڭ قانداق قارىشىغا پىسەنت قىلمايدۇ .   باشقىچە ئېيتساق ، ھازىرقى كۈندە كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان بۇلۇپ قالدى ، ئەتراپىمىزدا يامان نىيەتلىك كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ ؛ ئەگەر ھەممە جايدىلا كۆز كۆز قىلىپ يۈرسەك ، يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ، ئۆزىمىزگە خەۋپ ئەكىلىشىمىز مۇمكىن .
 2. كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى ۋە ئىجتىمائى ئارقا كۈرنۈشىنى كۆز كۆز قىلماسلىق
    يېرىم ئۆمرىنى تۈگىتىپ ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغان ئەرلەرنىڭ جەمىئەتتە ئازراق بىر كىشلىك ئورنى بولسىلا ، بەزىبىر پۇرسەتلەر سەۋەبلىك بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا، بىر ياكى بىر نەچچە " نۇپۇزلۇق ئەربابلار " بىلەن تۇنۇشقان بۇلىدۇ . بۇ " نۇپۇزلۇق ئەربابلار " نىڭ سىز بىلەن تۇنۇشۇپ مۇناسىۋەت باغلاشتىكى سەۋەبى بىر بولسا سىز ناھايىتى قىزىقارلىق يۇمۇرىستىك كەلگەن بۇلۇپ ، ئادەتتە كۆپچىلىككە خوشاللىق ئېلىپ كىلەلەيسىز ؛ ياكى بولمىسا ئۇلار سىزنى پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارايدۇ ؛ ئۇلارنىڭ سىز بىلەن ھەقىقى تۈردە چىن كۆڭلىدىن دوستلىشىپ ئۆتۈشنى خالىشى ناتايىن ، چۈنكى سىز ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە تۇرالمىسىڭىز، سىلەرنىڭ تەۋە بولغان سىنىپىڭلار ئوخشاشمىغان بۇلىدۇ، شۇڭلاشقا سىزنىڭ  ئەڭ ياخشىسى بۇ توغۇرلۇق كۆپ ئويلاپ كەتمىگىنىڭىز تۈزۈك .
    ئەلۋەتتە ، ئەگەر سىلەر ئۇزۇن مەزگىل مۇناسىۋەت ئورناتقان  بولساڭلار ، سىز بەلكىم ئۇلارغا ئاز تولا مەنپەئەت يەتكۈزگەن بۇلۇشىڭىز مۇمكىن ؛ لىكىن بۇلار ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەرزىمەس ئىشلار بۇلۇپ ، سىز بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا بىر ئۆمۈر تايىنىپ ئۆتۈشنى ئويلىسىڭىز ناھايىتىمۇ بەك خاتالاشقان بۇلىسىز . ئادەم ئۆزىنى بىلگەن ياخشى ،ھەرگىزمۇ كىچىككىنە ئەرزىمەس ئىشلارنى دەستەك قىلىپ مەغرۇرلىنىپ كىتىپ ، چەكتىن ئېشىپ كىتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ سالماڭ ؛  سىز ئاخىرى بىر كۈنى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى بىلىپ بولمايدىغانلىغىنى ، سىز بىلەن جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولالايدىغانلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىگىنى بىلىپ قالىسىز .
3. ئايالىڭىزنىڭ گۈزەللىگىنى كۆز كۆز قىلماسلىق
    نىمىشقىلىغىنى بىلمىدۇق ، بەزى ئەر كىشىلەر ئوتتۇر ياشقا كىرىپ قالغاندا ئايالىنىڭ گۈزەللىگىنى كۆز كۆز قىلىشنى ياخشى كۈرىدۇ . ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ پىخىكىسىنى چۈشەندۈرۈش ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس ؛ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر كىشىگە نىسبەتەن ، ماختانغۇچىلىكى بار بىر ئايالىنىڭ بۇلۇشى ھەقىقەتەنمۇ قالتىس بىر ئىش ، ھەتتا ئۆز ئىقتىدارىنى ئىپادىلەشنىڭ بىر شەكلى بۇلۇپ ، باشقىلارنى سىزگە ھەۋەس قىلدۇرىدۇ .
    ئەمما سىز شۇنى بىلىشىڭىز كىرەككى ، گۈزەل ئاياللارنى  ھەممە ئەر كىشى تەمە قىلىدۇ، بۇ قەدىمىدىن بويان ئۆزگەرمەي كىلىۋاتقان بىر ھەقىقەت . گەرچە سىز ئۆزىڭىزگە %100ئىشەنچ قىلسىڭىزمۇ ، بەزى ئىشلارنىڭ يۈز بىرىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ … ئوتتۇرا ياشقا يېقىنلىشىپ قالغاندا ئادەم خاپىلىق كۆتۈرەلمەيدىغان بۇلۇپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا ئامال بار ئەر ئاياللىق مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇپ زىددىيەت پەيدا قىلىشىدىن ساقلانغىنىڭىز ياخشى .
4. بەخىتلىك ئىكەنلىگىنى  كۆز كۆز قىلماسلىق
     بەخىتلىك ئىكەنلىگىنى سۆزلەپلا يۈرىدىغان كىشىلەر ، ئاخىرىغا كەلگەندە بەختى تۇلۇق بولماي قالىدۇ . كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام داۋاملىق سۆزلەپ بىرىدىغان بىر ھىكايە بار : " بۇرۇن بىر پومىشچىكنىڭ ئايالى ئۆز ئۆيىدىكى ئىگىز راۋاقتا ئولتۇرۇپ ، پەستىكى كۆكتات بازىرىدىكى كەمبەغەل كىشىلەرنى مازاق قىلىدىكەن ؛ بىر كۈنى پالچى ئۇنىڭغا ئاز كۈنگىچە ۋەيران بولىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ  …… دەرۋەقە ئۇنىڭ بالىلىرى ئاتا-ئانىسىغا تايىنىپلا كۈن ئۆتكۈزۈپ ، نەۋرىلىرىنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ۋەيران بولغان ." .
     ئىلگىركىلەر بەخىت دىگەن قۇشقا ئوخشايدۇ ، سىز ئارغامچا بىلەن باغلاپ قويسىڭىزمۇ يەنىلا ئۇچۇپ كىتىدۇ دىگەن . بۇرۇن ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئاكا ئاغىنەم بۇلۇپ ، ئۇ داۋاملىق ئۆزىمۇ بىلمىگەن ئاساستا، ئۆزىدىكى بەخىت تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ . كۆپچىلىك بىرگە ھاراق ئىچىپ قالساق ، ئۇ ئۆزىنىڭ بەخىتلىكى توغرۇلۇق توختىماي سۆزلەپ ، باشقىلارنى زىرىكتۈرۋىتىدۇ . ئۇ  ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا كۆڭۈل يارىلىرى بۇلىدىغانلىغىنى ، ئۆزى بۇنداق توختىماي سۆزلەۋەرسە باشقىلارنىڭ قانداق ئويلاپ قالىدىغىنىنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ ؛ ئەمىلىيەتتە كۆپچىلىك ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ قانچىلىك مۇنەۋۋەر ئىكەنلىگىنى بىلىشنى قىلچىلىك خالىمايدۇ .
     كىيىنچە ئۇ توختىماي كۆز كۆز قىلغانلىق سەۋەبىدىن ، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئوغرى چۈشتى ؛ ئۇنىڭ بالىلىرى ئۇنىڭ توختىماي ماختىشى ئاستىدا ، يىلبويى كەينىگە چىكىنىپ ، ئاخىرى بېرىپ تۇلۇق ئوتتۇردىلا توختاپ قالدى .
    شۇڭلاشقا بىر ئەر كىشىنىڭ ھىسياتىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى چوقۇم يۇقىرى بۇلۇشى ، قايسى گەپلەرنى سۆزلەشكە بۇلىدىغانلىغى ، قايسى گەپلەرنى سۆزلەشكە بولمايدىغىنىنى بىلىشى كىرەك ؛ بۇلۇپمۇ ئۆزىڭىزنىڭ بەخىتلىكىڭىزنى ئۆزىڭىز بىلسىڭىزلا بولدى .

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号