ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئەرلەر ساغلاملىقى
ئەرلىك ھورمۇنى "تولۇپ تاشقان"لىقنىڭ ئىپادىلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-22كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقى ۋە قاۋۇل كىلىشى نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بەدەندىكى ھورمۇن ئاجرىلىش سەۋيىسى، دەل بۇ ئامىللارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى؛ بەدەندىكى ھورمۇن ئاجرىلىش سەۋيىسى، بەدەن ئورگانىزىمى ئىچىدىكى مۇھىتنىڭ تۇراقلىقىنى بىۋاستە بەلگىلەيدىغان بولۇپ،  ئەگەر ئەرلەردىكى ئەرلىك ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىشى يىتەرلىك بولمىسا، ئۇلارنىڭ فىزىلوگىيەلىك ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە تېخى سۆڭەك شالاڭشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
   ئادەتتە، ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى ئەرلىك ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىش سەۋيىسى ياخشى بولسا، ھەتتا ھورمۇن سەۋيىسى "تولۇپ تاشقان" بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىلدىكى ئەرلەردە تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئالاھىدىلىك كۆرىلىدۇ.
ئۇيقۇ سۈپىتى يۇقىرى
   ئادەم بەدىنى، كۈندۈزدىكى ئالدىراشچىلىقتىن كىيىن، كەچ ۋاقتىدا ئۆزىنى ياخشىلاش ۋە تەڭشەشكە مۇھتاج بولىدۇ؛ شۇڭا، ئارام ئېلىشى تەرتىپلىك بولۇش، بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. كىچىسى ئۇخلىماسلىق، ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئەرلەردە ئەرلىك ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىش يىتەرلىك بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇلاردا ئۇيقۇسى قېچىش، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەكسىچە بولسا، ئەرلىك ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىش سەۋيىسى ياخشى بولغانلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتى ئادەتتە نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ.
چاچ ساقاللىرى قۇيۇق
   تۇرمۇشتا، بەزى ئەرلەرنىڭ چاچ ساقاللىرىنىڭ ئىنتايىن قۇيۇق ئىكەنلىكىنى بايقايمىز؛ بولۇپمۇ ساقىلى ئىنتايىن قۇيۇق بولۇپ، ھەركۈنى قىرىپ تۇرۇش لازىم بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە، چاچ ساقىلى قۇيۇق بولۇش، ئەرلىك ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىش سەۋيىسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ياخشى بولغانلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ، ئەرلىك ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىش سەۋيىسى تۆۋەن بولغان ئەرلەرنىڭ بولسا، چاچ ساقاللىرى شالاڭ كىلىدۇ.
قان تۇمۇرى ساغلام
    قان تۇمۇرلار، ئادەمنىڭ "ھاياتلىق يوللىرى" ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا قارىتا، ھېچقانداق نەرسە ئورنىنى باسالمايدىغان رول ئوينايدۇ. ئەرلەردىكى ئەرلىك ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىش نورمال بولسا، ئۇنداقتا بەدەن ئورگانىزىمى ئىچكى مۇھىتىنىڭ تۇراقلىقىغا پايدىلىق بولۇپ، ھەرقايسى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەشكە پايدىلىق رول ئوينايدۇ ۋە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ بۇنىڭدا، قان تۇمۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقى ۋە يۇمشاقلىقى ساقلىنىپ قېلىپ، بەدەندىكى كىرەكسىز ماددىلار ۋە زەھەرلىك ماددىلار ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىدۇ ھەدە بۇ ئارقىلىق قان تۇمۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىش خەتىرى تۆۋەنلىتىلىدۇ.
پۇت قوللىرى ئىللىق كىلىدۇ
   ئادەمنىڭ پۇت-قوللىرى، يۈرەككە ئەڭ يېراق قىسىم بولۇپ، ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش ياخشى ئەمەس ياكى قان تۇمۇرلاردا توسۇلۇش كۆرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئادەمنىڭ پۇت-قوللىرى، ئۇزۇقلۇق كەمچىل بولۇش سەۋەپلىك سۇغۇق تۇرىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ. بەدىنىدىكى ئەرلىك ھورمۇن ئاجرىلىش سەۋيىسى ياخشى بولغان ئەرلەردە، ئەرلىك ھورمۇنى ئاجرىلىشى ياخشى بولۇش سەۋەپلىك قان تۇمۇرلارنىڭ ئاسرىلىشى ياخشى ھالەتنى ساقلايدىغان بولغاچقا، بەدەندىكى قان ئايلىنىش راۋان بولۇپ، زىمىستان قىش كۈنلىرىدىمۇ، پۇت قوللىرى ئادەتتە نىسبەتەن ئىللىق تۇرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号