ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئەرلەر ساغلاملىقى
ئەرلەرنىڭ ساغلام بولۇشىنىڭ ئون تۈرلۈك ئۆلچىمى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىرقى زامان ئائىلە قۇرۇلمىسى ئاستىدا، نۇرغۇن ئائىلىلەردىكى ئەرلەر يەنىلا ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ، ئاساسلىقى ئەرلەر سىرتنىڭ ئىشىغا مەسئۇل، ئاياللار ئۆينىڭ ئىشىغا مەسئۇل ئەندىزە بويىچە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەرلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر ئەر كىشىنىڭ ساغلاملىقىدا مەسىلە كۆرۈلسە، پۈتكۈل ئائىلىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ. ئۇنداقتا، ئەرلەرنىڭ ساغلام ھېسابلىنىشىنىڭ قانداق ئۆلچەملىرى بار؟
   1. زېھنى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولۇش، كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىغا تەمكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇرالايدىغان، زىيادە جىددىلىشىپ كەتمەيدىغان ھەمدە كۆڭلىنى ئازادە تۇتالايدىغان بولۇش.
   2. ئادەتتىكى روھى ھالىتى ناھايىتى نورمال بولۇش. تەشۋىشلىنىش، ئىچكى دۇنياسىدا قورقۇش، ھەتتا خامۇشلىشىش قاتارلىق پاسسىپ كەيپىياتلار بولماسلىق.
   3. ئۈچ ۋاخ تامىقى ۋاقتىدا ھەم مۇۋاپىق بولۇش؛ چارچىغان ۋاقىتتا ئارام ئېلىشنى بىلىش، كېچىسى جايىدا ئۇخلاش، ئۇيقۇ سۈپىتى يۇقىرى بولۇش.
   4. مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش، مۇھىتتىكى ھەر قانداق ئۆزگىرىشنى ناھايىتى تېز قوبۇل قىلىش.
   5. باشقىلار تارقىلىشچان زۇكام ياكى باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان ۋاقىتتا، يەنىلا ساغلام ھالدا خىزمەت قىلالايدىغان بولۇش.
   6. بەدەن ئېغىرلىقى بەك سېمىز ياكى بەك ئۇرۇق بولۇپ كەتمەسلىك، بەدەن شەكلى تەكشى بولۇش؛ ئۆرە تۇرغان ۋاقىتتا، بېشى، مۈرىسى ۋە بىلەكلىرىنىڭ ئورنى ماسلىشىپ كېلىش.
   7. كۆزلىرى ئۆتكۈر ھەم ئىنكاسى تېز بولۇش.
   8. چىشى ئاق ھەم پاقىراق بولۇش، ئاغرىماسلىق، چىش مىلىكىنىڭ رەڭگى نورمال بولۇش، چىش چوتكىلىغان ۋاقىتتا قانىماسلىق.
   9. چاچلىرى پاقىراق بولۇش، بېشىدا كېپەك بولماسلىق.
   10. مۇسكۇللىرى ۋە تېرىسى ئېلاستىكىلىقى بار بولۇش، يول ماڭغاندا قەدەمنى چىڭ دەسسەپ مېڭىش، سۆرەلمىلىك قىلماسلىق.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号