ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئەرلەر ساغلاملىقى
ئەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك بەش خىل گۈزەللىك
مەنبەسى : ئەلداۋا تورى يوللىغۇچى : ئەلداۋا تورى ۋاقتى : 2016-01-09 كۆرۈلىشى : قېتىم

20151226101700630.jpg

 


ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
1.ئەرلەر گۈزەللىكى ئىجتىمائىي گۈزەللىكتۇر. ئىنسانلار جەمئىيىتى ئانىلىق جەمئىيەتيىن ئاتىلىق جەمئىيەتكە ئۆتكەندىن باشلاپلا ئەرلەر جەمئىيەتنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولۇپ كەلدى. قايسى مىللەتتە چاكىنا، نادان ئەرلەر كۆپ بولسا، شۇ مىللەت ھالاك بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ؛
2. ئەرلەر گۈزەللىكىنى ياراتقۇچىسى ئەمگەكتۇر. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بوز يەر ئېچىش، ئوۋچىلىق، چارۋا-مال بېقىش.... ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسىدە ئەرلەر ھامان بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ كەلدى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمگەك جەريانىدا ئەرلەر ساغلام، كۈچلۈك تەن قۇرۇلمىسىنى، قەيسەر، كەسكىن خاراكتېرنى يېتىلدۈردى؛
3. خاراكتېر ۋە كۈچ- قۇۋۋەت ئەرلەر گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدۇ. ئەرلەر گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ كېلىشكەن تەقى-تۇرقىدا ئىپادىلىنىپلا قالماستىنغ تېخىمۇ مۇھىمى قەيسەر خاراكتېرى ۋە يېڭىلمەس كۈچ-قۇۋۋىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. نۇرغۇن ئەرلەر ئاددىي تەقى-تۇرقى بولسىمۇ، تاغ-دەريالارنى زىلزىلىگە سالغۇدەك جاسارەتكە، ئاجايىپ تالانتقا ئىگە بولالىغان. ئەرلەر خىزمەت ۋە ئائىلىنىڭ يۈكىنى زىممىسىگە ئالالمىسا، پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش بۇرچىنى ئادا قىلالمىسا، ھەرقانچە قاۋۇل، بەستلىك، كېلىشكەن بولسىمۇ، ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ؛
4. ئەرلەر گۈزەللىكى قوپاللىق، شاللاقلىق ۋە ئەرلەر ئەزىز ئىدىيىسى بىلەن ئەمەس، جۇشقۇنلۇق، مەردانىلىق بىلەن ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ. قوپال، شاللاق ئەرلەر كىشىلەرگە ھەرگىزمۇ گۈزەللىك تۇيغۇسى بەرمەيدۇ. ئەرلەر ئەزىز ئىدىيىسى ئاياللارغا مۇستەبىتلىك قىلىشتىن، ئۇلارنى قۇل قىلىشتىن، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇشتىن دېرەك بېرىدۇ، ئەرلەر گۈزەللىكى بۇنداق خاھىشلارنىڭ خالى ئەلۋەتتە؛
5. ھەقىقىي ئەر ئېگىز تاغ، كۆز يەتمەس دېڭىز، بىپايان ئاسماندۇر. ھەقىقىي ئەر ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ، كۆكسى-قارنىنى كەڭ تۇتىدۇ، لىڭتاسما ئەمەس، پاراسەتلىك بولىدۇ، لايغەزەللىك قىلمايدۇ، سەمىمىيلىكنى دوست تۇتىدۇ، مۇز چىراي ئەمەس، خۇشچاقچاق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号